تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سۇرىنام زۇڭتۇڭى باۋتېرس بىلەن سۆھبەتلەشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەلق سارىيىدا سۇرىنام زۇڭتۇڭى باۋتېرس بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - سۇرىنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۇرىنام تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان كارىب دۆلىتى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ كەلدى، جۇڭگو - سۇرىنام مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن كارىب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇنى چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈشىنىڭ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو - سۇرىنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇھىم تارىخىي باسقۇچتا تۇرماقتا، جۇڭگو تەرەپ سۇرىنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - سورىنام مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سۇرىنام تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق ھالدا بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، سۇرىنامنىڭ كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا سۇرىنام تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، خەۋەرلىشىش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ساياھەت، كۆك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئېچىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ سۇرىنامغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. سۇرىنام كارىب رايونىدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، مائارىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سۇرىنامغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ. ئىككى تەرەپ يەر شارىۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى ساقلاپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەم كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ھالدا كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا سۇرىنام تەرەپ ئۈچۈن ھەققانىي سۆز قىلىپ، سۇرىنام تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، يەر شارى كىلىماتى جەھەتتىكى كۆپ تەرەپلىك مۇساپىگە ئىجادىي قاتنىشىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۈچلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى ۋە رايون مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپكە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

باۋتېرس جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ جەزمەن مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا، جۇڭگو خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باۋتېرس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىم مۇھىم تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇرىنام - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، سۇرىنام تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بۈيۈك ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. شياڭگاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا تەۋە، سۇرىنام تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق. سۇرىنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ سۇرىنامنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلامدىكى ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. يەككە تەرەپچىللىك دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى جەھەتتىكى باراۋەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق رايونلار ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلدى، سۇرىنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداشنى خالايدۇ. سۇرىنام تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - سۇرىنامنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش ھەمكارلىق پىلانى، ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىللە گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەت بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشمە ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا باۋتېرسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ياڭ جيېچى، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، شاۋ خۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.