تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چامغۇر «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (9)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، جاڭ جىلى

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى كەلپىن بازىرى قاراكۈت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاينىساخان ئابلىمىت دىڭدىڭ دۇفۇ كارخانىسىدا دۇفۇپى رەتلىمەكتە.

بۇ يىل جۇڭگو نېفىت خىمىيە غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ كەلپىن بازىرى قاراكۈت كەنتى دۇفۇ پىششىقلاش كارخانىسى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جېننەن سىزغان)

«تۆت مو يەردىن 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، چامغۇر تېرىپمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرى گەزلىك كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە سەمى قادىر خۇشال ھالدا.

چامغۇر تېرىش گەزلىك كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ ئەنئەنىسى. ئەمما ئۇزاقتىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بازار ئېڭى سۇس بولۇپ، تېرىشنىلا بىلىپ، سېتىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەچكە، چامغۇر كۆپلەپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، سېتىلىشى قىيىن بولغان، يەنە كېلىپ باھاسى بەك تۆۋەن بولغان، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئانچە ئاشمىغانىدى.

2018 - يىلى ئۆزگىرىش بولدى، بۇ كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چامغۇرلىرىنى يىغدى، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ بازار ئاچتى ھەم پىششىقلاش كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ چامغۇرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى. بۇلتۇر، كەنت ئاھالىلىرى چامغۇر تېرىپ كىشى بېشى كىرىمىنى 600 يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

 ياخشى نەرسىنى ساقلاپ تۇرۇپمۇ كىرىمنى ئاشۇرۇش تەس بولۇش

«دادام چامغۇر تېرىيتتى، بوۋاممۇ چامغۇر تېرىيتتى، كەنتىمىزنىڭ چامغۇرى ئىزچىل ئىنتايىن داڭلىق ئىدى.» ئەزىز خۇدۇمبەردى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن ئەزىز كەنتتە تېرىلىدىغان چامغۇردىن ناھايىتى پەخىرلىنەتتى.

چامغۇر جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يىلتىز غوللۇق زىرائەت بولۇپ، تەركىبىدە ئورگانىك ئاكتىپ ئىشقار ھەم كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ئېلېمېنتلار مول، يېمەكلىك، دورىلىق ئىككى خىل قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى. گەزلىك كەنتى كەلپىن ناھىيەسىدىكى چامغۇر چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى.

چامغۇر 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا تېرىلىدۇ، ئوغۇتلىنىدۇ، سۇغىرىلىدۇ، 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پىشىدۇ.

«چامغۇرنىڭ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، پەرۋىش قىلىش ئاسان، شۇڭا ھەممە ئائىلە تېرىيدۇ.» ئەزىز مۇنداق دېدى: «ھوسۇل پەسلىدە، ئېتىزدا چامغۇرلار دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ، ئۆزىمىز يەپ بولالمايمىز، ئامال تېپىپ سېتىپ پۇل قىلىمىز».

70 ياشلىق كەنت ئاھالىسى راخمان ساۋۇت ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى مىنىپ، ئېتىزلىقىغا بېرىپ چامغۇرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى. ئۇ بىر ئۆمۈر چامغۇر بىلەن ھەپىلەشكەن بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا چامغۇر تېرىيتتى، لېكىن ئۆزلىرىلا يەيتتى. كېيىن، ئۇ چامغۇرىنى ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بازارغا ئاپىرىپ ساتتى، «باھاسى بەك ئەرزان، ئانچە كۆپ پۇل بولمايتتى، ئەمما ساتقىنىمچە ساتاتتىم، بۇ، يەردە سېسىپ كەتكەندىن ياخشى» دېدى ئۇ.

راخمان مۇخبىرلارغا مۇنداق بىر ھېسابنى قىلىپ بەردى: 2005 - يىلىدىن ئىلگىرى، بىر مو يەردىن 500 كىلوگىرام ئەتراپىدا چامغۇر ئالغىلى بولاتتى، بىر كىلوگىرام چامغۇرنىڭ بازار باھاسى ئۈچ مو نەچچە پۇڭ بولۇپ، بىر مو يەردىن 150 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولاتتى. چامغۇر ئۇرۇقلۇقى سېتىۋېلىش، يەر ئاغدۇرۇش، سۇغىرىش قاتارلىقلار بىلەن بىر مو يەرگە چامغۇر تېرىش تەننەرخى 100 يۈەنگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىساق، كىرىم بەكلا ئاز بولاتتى.

نۇرغۇن چامغۇر سېتىلماي قالاتتى. راخمان تىراكتورىنى ھەيدەپ 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ چامغۇرلىرىنى ساتاتتى ياكى چامغۇرغا بىر ئاز كۆممىقوناق تېگىشەتتى، ئېشىپ قالغىنىنى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە بېرەتتى.

ئۆزى بىر قىسمىنى يېيىش، بىر قىسمىنى سېتىش، بىر قىسمىنى باشقىلارغا بېرىش، كۆپ يىللاردىن بۇيان، گەزلىك كەنتىنىڭ چامغۇرى مۇشۇنداق قىسمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

«ئىلگىرى چامغۇرنىڭ داڭقى دېگەندەك چىقمىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەزلىك كەنتى چەت، يىراق جايغا جايلاشقان، قاتناش قولايسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، سېتىش تەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئىزچىل ئۆرلىمىدى.» كەلپىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: «بۇمۇ ئالدىنقى يىللاردا پۈتۈن ناھىيەدىكى چامغۇر تېرىيدىغان دېھقانلار دۇچ كەلگەن مەسىلە».

ئۆز جايىدا ساتقىلى بولمىغاچقا، كاللىسى ئوچۇق كەنت ئاھالىسى نايىپ قادىر بىلىپ - بىلمەيلا پەرقلىق سېتىش يولىغا مېڭىپ قالدى. ئۇ كەنتتە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چامغۇرىنى سېتىۋېلىپ، يۈك ئاپتوموبىلى ئىجارىگە ئېلىپ ئاۋات ناھىيەسىگە ئاپىرىپ ساتتى، «بىر قېتىمدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن».

كەلپىن ناھىيەسى ھەم ئەتراپتىكى رايونلاردا چامغۇر تېرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بازارنىڭ ئىستېمال قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىدى، سېتىش يولى كەمچىل بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى چامغۇر ئېلىپ سېتىشتىن ۋاز كېچىپ باشقا سودا قىلىش يولىغا ماڭدى.

چامغۇردىن ئىبارەت بۇ «كىچىك ئادەمگىياھ» دەپ ئاتالغان «ئالتۇن مېۋە» ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان كەلپىن دېھقانلىرىغا ياخشى پايدا يەتكۈزەلمىدى.

 ئەلا سۈپەت ئارقىلىق سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ بازار ئېچىش

«دېھقانلار يەپ بولالمىغانلىقتىن، ساتالمىغانلىقتىن چامغۇر تېرىش كۆلىمىنى ئازايتتى، پەرۋىش قىلىشقىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن، ھوسۇلى ۋە سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى» دېدى ئەزىز ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ ئەپسۇسلانغان ھالدا.

2004 - يىلى، سەمى بىر مو يەرگىلا چامغۇر تېرىدى، «پۇل تاپالمىغاچقا، يەرگە ئۇرۇقلۇقنى چېچىپ قويۇپلا كارىم بولمىدى، قانچىلىك ھوسۇل ئېلىش تەلەيگە باغلىق بولۇپ قالدى» دېدى ئۇ.

گەزلىك كەنتىدە چامغۇرنىڭ قىسمىتى يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش ھالىتىگە كىرىپ قالغاندەك ئىدى، باھاسى ئەرزان بولۇپ سېتىلماي قالدى، دېھقانلار كۆڭۈل قويۇپ تېرىمىغاچقا، چامغۇرنىڭ سۈپىتى ناچار، ھوسۇلى تۆۋەن بولدى.

«دېھقانلار بازاردىن بىرقەدەر يىراق بولغاچقا، بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان سەزگۈرلۈكى كەمچىل ئىدى، يەنە كېلىپ سېتىش يوللىرى ئاز، دېھقانلارنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپ چامغۇر سېتىش تازا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېدى ۋۇ شياۋچىڭ.

جەمئىي 187 ئائىلىلىك 831 كىشى بار بۇ كەنتتە، 2014 - يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 84 ئائىلىلىك 371 كىشى بولۇپ، پۈتۈن كەنت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %44ىنى ئىگىلەيتتى، كەنت ئاھالىلىرى نېمىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ؟

«كەنت ئاھالىلىرى كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا چامغۇرغا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.» بۇلتۇرنىڭ بېشىدا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىدىن گەزلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋاڭ خەيبىن كەنتكە يېڭى كەلگەن ۋاقتىدا، بۇ كەنتتە مۇئەييەن چامغۇر تېرىش كۆلىمى شەكىللەنگەنلىكىنى بايقاپ، چامغۇرغا تايىنىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئويىغا كەلگەنىدى.

ۋاڭ خەيبىن چامغۇر تېرىش كەسپىنى گەزلىك كەنتىنىڭ 2018 - يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە كىرگۈزدى، نىشان بېكىتىلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش، ئىلمىي تېرىپ پەرۋىش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

ئالدى بىلەن ھوسۇل ۋە سۈپەتنى ئۆستۈردى. بۇلتۇر 2 - ئايدا، گەزلىك كەنتىدە تۇنجى دېھقانلار مېۋە - چېۋە، كۆكتات كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، چامغۇرنى مەركەزلىك بىرتۇتاش تېرىدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى مەركەزلىك سېتىۋالدى، ماشىنىدا مەركەزلىك بىرتۇتاش تېرىقچىلىق قىلدى، يەرنى مەركەزلىك ئاغدۇردى، ئېتىز - ئېرىقنى مەركەزلىك پەرۋىش قىلدى، پۈتۈن جەرياننى ئىلمىي باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ماشىنىلاشتۇرۇپ تېرىشنى سىناق تەرىقىسىدە ئومۇملاشتۇردى؛ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، مەھەللىۋى ئوغۇتنى قاتتىق تىزگىنلەپ، دېھقانچىلىق دورىسى چاچماي، «يېشىل - ئورگانىك بولۇش، ساپ - تەبىئىي بولۇش، بۇلغانمىغان بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. «كەنت ئاھالىلىرى ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ۋە پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، بۇلتۇر چامغۇرنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 800 كىلوگىرامدىن 1200 كىلوگىرامغىچە بولۇپ، ھوسۇلى كۆرۈنەرلىك ئاشتى شۇنداقلا سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى» دېدى ۋاڭ خەيبىن.

ياخشى تېرىپلا قالماي، ئاخىرىدا يەنە ياخشى سېتىش كېرەك.

سۈپەتلىك ماركا ئېففېكتىنى ئۆستۈرۈش. ۋاڭ خەيبىن كەنت ئاھالىلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، سىرتتا ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، چامغۇرنى كەڭ تەشۋىق قىلدى؛ مەھسۇلاتنى ئۈرۈمچىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلارغا ئاپىرىپ كۆرگەزمە قىلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئېغىزىدا ئېلان تاختىسى تىكلىدى.

سەرخىللاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش. چامغۇردىن ھوسۇل ئېلىنغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، سۈپىتى ياخشى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولغانلىرىنى ئىلغاپ بىرتۇتاش ئوراپ قاچىلىدى، ھازىر بەش كىلوگىراملىق يەشىكلىك، خالتىلىق مەھسۇلاتلار بار.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ۋاڭ خەيبىن مۇنداق دېدى: كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چامغۇرىنى بىرتۇتاش سېتىۋالدى ھەم بازارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ چامغۇرنى سېتىپ چىقىرىپ، سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتمۇ دېھقانلارنىڭ سېتىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. ۋۇ شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: كەلپىن ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چامغۇر سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى، نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدىكى 40 نەچچە ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلغۇچى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 نەچچە شەھەرنى قاپلىدى؛ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئېففېكتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتىنىڭ سالاھىيىتىنى كارخانىلارغا ھەقسىز ئىشلىتىشكە بەردى؛ نۇرغۇن يېزا ۋاسىتىچىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەلپىننىڭ چامغۇرىنى پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەندۈرۈپ ئومۇملاشتۇردى.

شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت، 1 - شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا بازار ئېچىلدى. بۇلتۇر، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ھەتتا ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر گەزلىك كەنتىگە بېرىپ چامغۇر سېتىۋالدى، ئىلگىرى باشقىلارغا ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدىغان چامغۇر تالىشىپ سېتىۋالىدىغان مال بولۇپ قالدى. «ئېتىزلىقتىكى باھاسى ئىككى يۈەن، ھەتتا بەزى سودىگەرلەر ئۈچ يۈەن باھادىمۇ سېتىۋالدى» دېدى ۋاڭ خەيبىن.

چامغۇر تۇنجى قېتىم دېھقانلارغا كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كەلدى، چامغۇر تېرىشقا تايىنىپ، بۇلتۇر گەزلىك كەنتىدە كىشى بېشى كىرىم 600 يۈەندىن ئاشتى.

 كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇمچە قىممەتنى ئاشۇرۇش

چامغۇر بازار تاپقاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىپ، تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. لېكىن «ئەسلىي» داڭلىق ماركا چامغۇرنىلا سېتىشقا تايانغاندا، كىرىمنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرغىلى بولمايتتى.

ۋاڭ خەيبىنمۇ بۇنى ھېس قىلدى، «بازار شۇنچىلىكلا، ئەگەر چامغۇرنىلا ساتقاندا ئىككى - ئۈچ يىل ساتقىلى بولىدۇ، لېكىن كېيىنچۇ؟ جەزمەن مۇكەممەل بولغان تېرىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

بۇلتۇر، ۋاڭ خەيبىن خىزمەت ئەترىتىنى يېتەكلەپ چامغۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقى ئورالما خالتىسى ۋە ئورالما سوۋغات قۇتىسىنى ئۆز ئالدىغا لايىھەلىدى ھەم قىسمەن چامغۇر بىلەن چامغۇر تالقىنى، چامغۇر قېقى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ چىقىپ، ئوراپ ساتتى. «بۇ بىر قېتىملىق سىناق، پىششىقلانغاندىن كېيىنكى چامغۇر تالقىنى، چامغۇر قېقى قاتارلىقلارنى ساقلاش ۋە توشۇش تېخىمۇ ئوڭاي، قوشۇمچە قىممەت ئاشسا، سېتىش ماس ھالدا ئاشىدۇ» دېدى ئۇ.

ئەمەلىيەتتە، چامغۇر تېرىشتىن چامغۇر سۇيۇقلۇقى تەييارلاشقىچە، ئاچال بازىرى ۋە كەلپىن ناھىيەسى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا ئىزچىل كۈچىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى «كەلپىن چامغۇرى» سۈپەتلىك ماركىسىنى بەرپا قىلىشنى يادرو قىلىپ، پەن - تېخنىكا تەتقىقات كۈچىگە تايىنىپ، چامغۇر كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، چامغۇرنى چوڭقۇر پىششىقلاشنى ئاساس قىلغان كارخانا ۋە تۈرلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي قوشۇمچە قىممەتنى ئاشۇردى، نۆۋەتتە چامغۇر مەلھىمى قاتارلىق دەسلەپكى مەھسۇلاتلار ۋە يىرىك پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە چامغۇر كاپسۇلى، سۇيۇقلۇقى، جەۋھەر مېيى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى.

شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ئۇن، گۈرۈچ، چامغۇر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ شىركەتنىڭ چامغۇر پىششىقلىشى يىرىك پىششىقلاش بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە قىممىتى تۆۋەن، پايدىسى ئاز، يىلدا بىر تەرەپ قىلىدىغان چامغۇر ئاران 1000 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، شۇ جايدىكى چامغۇرنى سېتىۋېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى چەكلىك ئىدى.

بۇ ئىككى يىلدا، چامغۇرنىڭ «تونۇلۇشقا باشلىنىشى» بىلەن، بۇ شىركەت سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ، چامغۇرنى چوڭقۇر پىششىقلاشقا يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى.

بۇ شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ چۇنيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەت ئاچال بازىرىنىڭ چامغۇر تېرىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 21 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ بازاردا زاۋۇت قۇردى، ئاساسلىقى توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان چامغۇر قېقى، ئوزۇقلۇق تالقىنى، مۇراببا ۋە چامغۇر سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى، پىششىقلاش لىنىيەسى مۆلچەرىمىزچە يىل ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. «ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 50 مىڭ توننا قىلىپ لايىھەلەنگەن، بۇنىڭدىن كېيىن، كەلپىن چامغۇرى <يەۋېتىلىپ>لا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى چامغۇر چىقىدىغان جايلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئۇ.

كەسىپ زەنجىرى تىرەك بولغاچقا، گەزلىك كەنتىنىڭ چامغۇر تېرىش كۆلىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، 2017 - يىلى 1500 مو تېرىلدى، 2018 - يىلى 2150 مو تېرىلدى، بۇ يىل 2200 مودىن ئارتۇق تېرىلدى.

ۋاڭ خەيبىننىڭمۇ يېڭى پىلانى بار، ئۇ خاسلىققا ئىگە چامغۇر كەسىپ سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چامغۇر ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېتىراپنامىسى ئېلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇغراپىيەلىك قوغداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلپىن قوي گۆشىنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چامغۇرنىڭ يېمەكلىك، دورىلىق ئىككى خىل ئىشلىتىلىش قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىككىلەمچى ئىنچىكە ئايرىش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاش كارخانىلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مۇقىم چامغۇر سېتىش، پىششىقلاش يوللىرىنى بەرپا قىلىدۇ.

بۇ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئابدۇۋاھاپ كېرەمنىڭ چامغۇر تېرىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى: «بۇ يىل سەككىز مو تېرىدىم، بۇلتۇرقى بىر كىلوگىرامى ئىككى يۈەنلىك باھا بويىچە ساتساممۇ، 16 مىڭ يۈەن تاپالايمەن».

«بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن كەنتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئاھالىدىن پەقەت ئالتە ئائىلىلىك 16 كىشىلا قالدى، بۇ يىل بىز داۋاملىق تىرىشىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ۋاڭ خەيبىن تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

ئىللىق قۇياش نۇرى گەزلىك كەنتىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، ئېتىزدىكى بۈككىدە يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ ئارىسىغا پات ئارىدا پىشىدىغان چامغۇرلار يوشۇرۇنغان، ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يىل قىشتا كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنىڭ ئۈمىدى.

«پاراۋۇز»لۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

لۇ فېڭباۋ

گەزلىك كەنتىنىڭ چامغۇرى ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە، تېرىش ئاسان، پەرۋىش قىلىش ئوڭاي، ھوسۇلىمۇ يۇقىرى. لېكىن كۆپ يىللاردىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ياخشى نەرسىسى بار تۇرۇقلۇق پۇل تاپالمىغانىدى.

بۇ چاغدا، دېھقانلار «پاراۋۇز»نىڭ يېتەكلەپ بازار ئېچىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى، بۇ «پاراۋۇز» شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، 1 - شۇجى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا - كەنتلەردىكى بېيىش ماھىرلىرى ياكى كارخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گەزلىك كەنتى «پاراۋۇز»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، چامغۇرنىڭ سۈپىتى ۋە ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىپ پىششىقلاشنى سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاخىر سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى مول، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، ئەمما گەزلىك كەنتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدا يولۇققان بۇنداق قىيىن مەسىلە شىنجاڭنىڭ كەڭ يېزىلىرىدا كۆپلەپ مەۋجۇت. مۇشۇنداق چاغدا «پاراۋۇز»نىڭ يېتەكلىشىنىڭ مۇھىملىقى ناھايىتى گەۋدىلىك بولىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، «پاراۋۇز»نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. گەزلىك كەنتىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش تەجرىبىسى ئۆرنەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى