تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەر ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئاكادېمىيە - مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەر ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئاكادېمىيە - مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسى دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئاكادېمىيە - مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ھەربىي ئىشلار مائارىپى سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسىدىكى بارلىق كۇرسانتلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلغاندىكى سۈرىتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار مېي شىشيۇڭ، ليۇ جىمېي) پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئاكادېمىيە - مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئاكادېمىيە - مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ھەربىي ئىشلار مائارىپى سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەر ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىگە كەلدى. قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسىدىكى بارلىق كۇرسانتلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن بىر ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرىدىغان فاڭجېن بولۇشى، قانداق ئادەم يېتىشتۈرۈش، ئادەمنى قانداق يېتىشتۈرۈش، كىم ئۈچۈن ئادەم يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپى فاڭجېنى − پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپى فاڭجېنى ھەربىي ئىشلار مائارىپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي قوللانما، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئارمىيەمىزدىكى ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەر ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپ مائارىپى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىدا مەكتەپ باشقۇرۇش ئورنىغا دىققەت بىلەن قاراپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە يىراق كەلگۈسىدىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەسى ئېنىق، ئورگانىك جىپسىلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پەن - كەسىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشان - تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىيالى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئوقۇتۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى غايە ئېتىقادنى چىڭىتىش، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەش، بېرىلىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، باشلامچى، سەر خىل ئىختىساسلىقلار، ئوتتۇرا ياش - ياش تايانچ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنى بىلىدىغان بىر تۈركۈم داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى - ئوتتۇرا دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كوماندىرلارنىڭ ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئۆتۈش يولىنى ئېچىپ، تاشقى قىسىمدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ كۈچلىرى ۋە بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىش، تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈمى ئىسلاھاتى رامكىسىدا ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپ قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش تۈزۈملىرىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار ساپاسى ئۆلچىمى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، مائارىپ باشقۇرۇش - يۈرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم - مېخانىزم جەھەتتىن ئاكادېمىيە - مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاكادېمىيە - مەكتەپ مۇدىرلىرى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، تەربىيەلەشنى بىلىشى، ئۇرۇش قىلىشنى تەتقىق قىلىشى، باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇشى، ئىنتىزامچان بولۇشنى چىڭىتىشى، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئىش ئورنى تەلىپى بىلەن ماسلاشقان سىياسىي ساپا ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى ھازىرلاپ، ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن مەكتەپ قۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ھەربىي ئىشلار مائارىپى خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، مائارىپ ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، مائارىپ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلار مائارىپىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ھەربىي ئىشلارنى تەتقىق قىلىشى، ئۇرۇش قىلىشنى تەتقىق قىلىشى، جەڭ قىلىشنى تەتقىق قىلىشى، ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەردە ئۇرۇش قىلىشنى تەتقىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىتىش، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىنىش كەيپىياتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتۇشنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئۆگىنىشنى قاتتىق باشقۇرۇپ، تەتقىقاتنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىمتىھاننى قاتتىق باشقۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەرنىڭ يۈكسەك مەركەزلىك بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىتتىپاق، جىددىي، كەسكىن، جانلىق ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىل، ئىنتىزام يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش - ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازى ئارقىلىق ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەرنىڭ ياخشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەرنى قوللىشى، ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇپ، يېتەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق ھالدا ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپ مائارىپى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە ئۆستۈرۈشى كېرەك.

شۈ چىلياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ يوۋشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەربىي ئاكادېمىيە - مەكتەپلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا داشۆسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.