تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

14 - نۆۋەتلىك قىشلىق كۆرگەزمە باشلاندى

شۇ كۈنى نەق مەيداندا 16 تۈر ئىمزالاندى، تەخمىنەن جەمئىي 18 مىليارد 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ئالتاي شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۆرگەزمىگە قاتناشتى ھەم قىشلىق كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

باشلىنىش مۇراسىمى كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بىلەن ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا - يەرلىك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى قاتارلىقلارنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 16 تۈرنى ئىمزالىدى، كېلىشىم مەزمۇنى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، مېھمانساراي قۇرۇلۇشى ھەم ساياھەتچىلەرنى توشۇش كېلىشىمى، ساياھەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، تەخمىنەن جەمئىي 18 مىليارد 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. شەنشى رۇڭۋېي سېلىنما چەكلىك شىركىتى قاناس جيادېڭ جىلغىسى، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مېھمانساراي، قار تېيىلىش جابدۇقلىرى زالى قاتارلىق تۈرلىرىگە مەبلەغ سالىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى زى رۇڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، شىركەت 9 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق تۈر مەبلىغىنى ئورۇنداپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇ كۈنى، يەنە «دۇنيا ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ئىقتىساد مۇنبىرى»، «30 - نۆۋەتلىك غەربىي شىمال ساياھەت رايونى ھەمكارلىشىش يىغىنى» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق كۆرگەزمىدە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تۇتقا، كۆرگەزمە ۋە سودا يادرو، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت ساياھەت مەھسۇلات - تۈر سودا سۇپىسى بەرپا قىلىش، شىنجاڭنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى داڭلىق قار - مۇز ساياھەت ئورنى ھەم دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش چۆرىدىلىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تۆت پەسىللىك تەكشى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. پائالىيەت 2019 - يىلى 11 - ئايدىن 2020 - يىلى 3 - ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئىككى جاي بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش شەكلى قوللىنىلىپ، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 12 شۆبە مەيدان تەسىس قىلىنىپ، «شىنجاڭ قىش پەسىللىك مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ شادلىق پەسلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇش ئارقىلىق، كەڭ ئامما ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئورتاق شادلىنىدىغان، تەسىرىنى كېڭەيتىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى