تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى جۇڭگو ھۆكۈمىتى شاڭخەيدە تەسىس قىلغان رايون خاراكتېرلىك ئەركىن سودا باغچە رايونى بولۇپ، پۇدۇڭ چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان، جۇڭگو ئەركىن سودا رايونى دائىرىسىگە تەۋە. 2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى رەسمىي قۇرۇلدى، كۆلىمى 28.78 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىدىكى ۋەيگاۋچياۋ باجدىن خالىي رايونى، ۋەيگاۋچياۋ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت باغچە رايونى، ياڭشەن باجدىن خالىي پورت رايونى ۋە شاڭخەي پۇدۇڭ ئايروپورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قاتارلىق تۆت تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى گوۋۇيۈەنگە جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھوقۇقىنى بېرىپ، كۆلىمىنى 120.72 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتتى. كېڭەيتىلگەن دائىرە لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە تەۋەلىك رايونى، جىنچياۋ تەرەققىيات تەۋەلىك رايونى ۋە جاڭجياڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكا تەۋەلىك رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنى قۇرۇشتىكى ئومۇمىي نىشان: ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ئىسلاھات سىنىقى ئارقىلىق، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، باش ئىشتاب ئىقتىسادى ۋە يېڭىچە سودا كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كاپىتال تۈرلىرىنى ئايرىباشلاش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىپ، مال ھالىتىنى تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارالاشقان ۋە قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە بولغان سودىغا مەبلەغ سېلىش قولايلىق، پۇل ئايرىباشلاش ئەركىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، قانۇنچىلىق مۇھىتى قېلىپلاشقان ئەركىن سودا سىناق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى تەپەككۇر ۋە يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش.

جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى تەجرىبە توپلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، 2019 - يىلى 8 - ئايغا قەدەر، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سىناق نۇقتىسى شاڭخەيدىن تەدرىجىي ھالدا گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن، لياۋنىڭ، جېجياڭ، خېنەن، خۇبېي، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، شەنشى، خەينەن، شەندۇڭ، جياڭسۇ، گۇاڭشى، خېبېي، يۈننەن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى