تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش شىركىتى يەر ئاستى قۇدۇقىنى جىددىي رېمونت قىلدى

بىر خىزمەتچى خادىم تۇتاش خۇرۇم خىزمەت فورمىسى كىيىپ، ئۈچ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇققا چۈشۈپ لاتقىلارنى تازىلاش ئالدىدا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى) 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى تىيانشان رايونلۇق كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش شىركىتى 11 نەپەر خىزمەتچى خادىم ۋە ئۈچ كېرەكسىز سۇ چىقىرىش مەشغۇلات ئاپتوموبىلى ئاجرىتىپ، ۋۇشىڭ جەنۇبىي يولىدىكى ئىككى قۇدۇقنى ئادالىدى ۋە رېمونت قىلدى.

بىر بۇلغىما سۈمۈرۈش ماشىنىسى ۋە بىر نەچچە خىزمەتچى خادىم ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

يۇقىرى بېسىملىق راۋانلاشتۇرۇش ئاپتوموبىلى، بىر قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئون نەچچە خىزمەتچى خادىم نەق مەيداندا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  شۇ كۈنى سائەت 10دا، بىر بۇلغىما سۈمۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋۇشىڭ جەنۇبىي يولى ئالغا كوچىسى بېكىتى ئەتراپىدىكى يولدا توختاپ، بىر نەچچە خىزمەتچى خادىم يەر ئاستى قۇدۇقى بېشىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى؛ سائەت 17دىن ئاشقاندا، ئالغا كوچىسى بېكىتىنىڭ يېنىدا، ئىككى ئاپتوموبىل، ئون نەچچە ئىشچى لاي-لاتقىلارنى ئادالاپ، يەنە بىر قۇدۇقنى رېمونت قىلدى. قۇدۇق ئاستىدا تىنىپ قالغان نەرسىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، كەچلىك قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بىر خىزمەتچى خادىم خىزمەت فورمىسى كىيىپ، مەخسۇس ئۈسكۈنە بىلەن قۇدۇققا چۈشۈپ تىنىپ قالغان نەرسىلەرنى تازىلىدى.

قۇدۇققا چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان بىر خىزمەتچى خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئوكسىگېن ماسكىسى تاقىدى.

بىر خىزمەتچى خادىم قولىدىكى گاز تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق قۇدۇق ئاستىدا زەھەرلىك، زىيانلىق گاز بار-يوقلىقىنى تەكشۈردى.

  نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىم گاۋ جياڭسەينىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئەتىگەندە رېمونت قىلىپ راۋانلاشتۇرۇلغان قۇدۇقنى بۇ شىركەتنىڭ تۇرۇبا لىنىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش خادىمى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى چارلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان، قۇدۇق قاپقىقىنى ئاچقاندىن كېيىن توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنى بايقاپ، 11- ئاينىڭ 26- كۈنى رېمونت قىلىپ، ئادالىغان. ئالغا كوچىسى بېكىتىنىڭ ئالدىدىكى قۇدۇقنىڭ توسۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ قۇدۇقنى  راۋانلاشتۇرغاندىلا ئاندىن تاماملىنىدىكەن.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى