تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

4-شى ئىلى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئىلى ئوبلاستلىق شەرەپ يۇرتىدا ھال سوراش ئويۇنى قويدى

توغراق تورى، غۇلجا، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى. 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 – شى ئىلى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن جەمئىي 40 نەچچە كىشى ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شەرەپ يۇرتىغا كېلىپ، ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

ئۇسسۇللۇق ناخشا «ئەسكەر بولۇش تارىخى»

پائالىيەت ئۇسۇللۇق ناخشا «ئەسكەر بولۇش تارىخى» بىلەن باشلاندى. نومۇرلار ناخشا، ئۇسسۇل، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول ئىدى، ئويۇندا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئاساسىي مېلودىيە قىلىندى، «ئىلگىرى ئەسكەر بولغان كىشىلەرگە تەقدىم» ناملىق دېكلاماتسىيە پائالىيەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئاق قۇ ئۇسسۇلى

4-شى ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: پېشقەدەملەرنىڭ «خالىس تۆھپە قوشۇش، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىش» روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۇ خىل روھنى ھەر بىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغىچە يىلتىز تارتقۇزۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەتكىچە سىڭدۈرىمىز.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى