تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى، جاڭ ۋەندې فوتوسى) بۈگۈن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي، شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەزىدە تۇمان كۆرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃4-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. 12- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆرۈنەرلىك سوغۇق كۆرۈلمەيدۇ، ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بەزىدە تۇمان كۆرۈلىدۇ.
تۇماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 6 ~ 7 بالغىچە قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخىيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لىياۋدۇنگىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.