تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 11- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بىلەن پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى تارىخ لوگىكىسى جەھەتتىن تومۇرداش، نەزەرىيە لوگىكىسى جەھەتتىن ئۆزئارا تىرەك بولىدۇ، ئەمەلىيەت لوگىكىسى جەھەتتىن ھالقىلىرى تۇتاش، نىشان يۆنىلىشى جەھەتتە ئىزچىللىققا ئىگە، مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرى داۋاملاشتۇرۇلغان، تەدرىجىي ئىلگىرىلىتىلگەن. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزۈلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئورۇندىلىنىش ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ رەتلەپ، ھەم 4 - ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان مۇھىم تەدبىرلەرنى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان دۆلەت ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تۈزۈم، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۈزۈملەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، « يېڭى دەۋردىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «زامانىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېڭى دەۋردە مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ <قارارى> مۇھىم تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىش تەقسىماتى لايىھەسى» ۋە «پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى باھالاش دوكلاتى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مۇھىم ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇھىم ئامىل بازىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم ئامىل بازىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئامىل باھاسىنى بازار بەلگىلەش، يۆتكىلىشى مۇستەقىل، تەرتىپلىك بولۇش، سەپلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئادىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا تۈزۈم ئاساسى سېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى كاپالىتى، يېزا ئىگىلىكى ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئىشلىتىش - باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، يۆنىلىشى ئېنىق، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، تەدبىرلىرى يۈرۈشلەشكەن، مەشغۇلات قىلىش ئاددىي، قولايلىق بولغان يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ دەللىكى، مۇقىملىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىم ، ساغلام ، سىجىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان تەمىنات كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان مەبلەغ توپلاش - يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەسقاتىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم مېخانىزمى ئورنىتىپ، قاتتىق، كۈچلۈك بولغان فوندنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېببىي دورا مۇلازىمىتىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش كاپالىتىنىڭ ئاممىۋى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان، ھوقۇق - مەسئۇلىيىتى ئېنىق، كاپالىتى مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەمگەك تەربىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، مائارىپنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى نىشان قىلىپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، كارخانا مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، ئومۇمىي خەلق ھەرىكەت سىستېمىسى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى، ئىناۋەت سىستېمىسى، قانۇن - سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرى ۋە ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يۆنىلىشى ئېنىق، تەدبىرلىرى ئىلمىي، ئىجراسى كۈچلۈك، رىغبەتلەندۈرۈشى ئۈنۈملۈك، كۆپ تەرەپ قاتناشقان، ياخشى سۈپەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئايلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نەتىجىنى قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، مائارىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ مائارىپتىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى كۈچەش نۇقتىسى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت كۈچلىرىنى زورايتىپ، ئوچۇق رىقابەتلىشىدىغان، كۆپ مەنبەلىك ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى» ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغىنىمىز، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ تۈزۈمنى تېخىمۇ پىشىلدۇرۇش، تېخىمۇ تۇراقلىشىپ يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈملەرگە توغرىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت تەپەككۇرى ۋە خىزمەت تۇتقىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش تۈرتكە بولۇش، بىرتۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھ قىلىنىپ تۈزۈم رامكىسى ئورنىتىلغانلىرىدا 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا سېلىشتۇرۇپ داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك؛ ئىسلاھ قىلىش جەھەتتە تېخى ئىزدىنىۋاتقانلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنى چىڭ تۇتۇپ، بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خۇلاسىلەپ تاۋلاش، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى شەكىللەندۈرۈشنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ پىلانلاپ ئىسلاھ قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغانلىرىدا دادىل ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ لايىھە تۈزۈش كېرەك. دەل جايىدا پىلانلاش، دەل جايىدا يولغا قويۇشقا يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھاتتا قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىش، قايسى ۋاقىتتا يولغا قويۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن قانداق رولى بارلىقى توغرىسىدا كۆڭۈلدە سان بولۇشى كېرەك. ئوخشاش بولمىغان ئىسلاھاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاراكتېرىنى ئىگىلەپ، لايىھە تۈزۈش، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى بىللە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، نىشانلىق ئوق ئېتىش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئوخشاش بولۇش، يۈزەكى بولۇش» بىلەن شۇغۇللانماسلىق، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك. دىققەتنى تۈزۈمنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلگەن - يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا نىشاننىڭ توپلىنىشى، سىياسەتنىڭ توپلىنىشى، ئۈنۈمنىڭ توپلىنىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغان - ئاشۇرۇلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، نەتىجە شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.