تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغانلارنىڭ زىيادە ئۇخلىشى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتەمدۇ؟

     يېقىندا، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىنىڭ MiamiMiller داشۆسى ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى كېچىدە توققۇز سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە تىل ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، بۇ، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى ئىكەن. ئۇلار 45 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 5247 كىشىنىڭ يەتتە يىللىق ئۇخلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.  نەتىجىدە، ھەر كۈنى كەچتە توققۇز سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن، ئۆگىنىش ئىقتىدارى %22، تىل ئىقتىدارى %20، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى %13 تۆۋەنلىگەن. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى راستلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

    جۇڭگو ئۇيقۇ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ياش ئەزاسى، چىڭخۇا داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چىڭخۇا چاڭگېڭ دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، بويۇن تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋراچى يىن گوپىڭنىڭ بىلدرۈرۈشىچە، يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق (كۈنىگە ئالتە سائەتتىن ئاز ئۇخلاش) ياكى بەزى ئۇيقۇ كېسەللىكلىرى (خورەك تارتىش) سەۋەبىدىن قېنىپ ئۇخلىيالماسلىق، چوڭ مېڭىدىكى βسىمان ئاقسىلنىڭ قويۇقلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.  βسىمان ئاقسىل چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ياخشى ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنىڭ βسىمان ئاقسىلنى تازىلىشىغا ياردەم قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

    قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە كۆپ ئۇخلاش (ھەر كۈنى توققۇز سائەتتىن كۆپ ئۇخلاش)مۇ ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بىر تۈرلۈك ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى توققۇز سائەتتىن كۆپ ئۇخلايدىغانلارنىڭ ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش خەتىرى توققۇز سائەتتىن ئاز ئۇخلايدىغانلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوخشىمىغان بىر قانچە تۈرلۈك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش نەتىجە چىققان. «شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى پەقەت زىيادە ئۇزۇن ئۇخلاشنىڭ ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، لېكىن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق» دېدى يىن گوپىڭ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، زىيادە ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلاش ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    گوپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بەزى ساغلام ئادەملەرنىڭمۇ ئۇخلاش ۋاقتى زىيادە قىسقا ياكى زىيادە ئۇزۇن بولىدۇ. ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى ئىزچىل مۇقىم بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نورمال فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدار، خىزمەت ۋە تۇرمۇشغا تەسىر يەتمىسە، نورمال ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى ياكى ھالىتىدە روشەن ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، سەل قارىماي ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى