تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى: بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش

تىيانشان تورى خەۋىرى: مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، لاتىن ئۇسسۇلى ئويناش، جىڭجۈ تىياتىرى لىيەنپۇ سىزىش، مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ ۋاسكېتبول ئويناش. 11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خۇاگۇاڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋېيخۇجۇاڭ غەربىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، تەۋەلىكتىكى ياش- ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللەپ مول مەزمۇنلۇق «ئالتە يېرىم دەرسخانىسى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خىزمەت ئەترىتى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھەۋىسىگە قارىتا، مۇزىكا، ۋاسكېتبول، لاتىن ئۇسسۇلى، لىيەنپۇ سىزىش قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تەييارلاپ، تەۋەلىكتىكى نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى ۋە بالىلارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

شوخ مۇزىكىغا ئەگىشىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ليۇ بىيۈن گارمون چېلىپ مەھەللىدىكى بالىلارغا بالىلار ناخشىسى ئېيتىشنى ئۆگەتتى، بالىلار يېقىملىق ساز ئاۋازىغا مەپتۇن بولدى، بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئويناپ، ناھايىتى خۇشال بولدى.

يەنە بىر تەرەپتە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كىچىك دوستلارغا لىيەنپۇ ھۈنەرۋەنچىلىك ماتېرىيالىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈردى، بالىلار لىيەنپۇ پېرسوناژلىرىنىڭ ئوبرازىنى ئىخچام تەسۋىرلەپ سىزدى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئائىلە باشلىقلىرىمۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ لاتىن ئۇسسۇلى ئۆگەندى، بىرلىكتە مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ ۋاسكېتبول ئوينىغان بالىلارغا مەدەت بەردى، نەق مەيدان كەيپىياتى شۇنچىلىك خۇشال ھەم ئىللىق بولدى.

مەھەللە ئاھالىسى جياڭ شياۋيىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ئوقۇتقۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەتتى، بالىلار ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ، ئورتاق ئالغا باستى. ئۆگىنىش ئارقىلىق مېنىڭ بالام ناخشا ئېيتىش جەھەتتە زور دەرىجىدە ئالغا ئىلگىرىلىدى، باشقا بالىلار لىيەنپۇ سىزىپ، ۋاسكېتبولنى ئەستايىدىل ئوينىدى، <ئالتە يېرىم دەرسخانىسى> بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى بېيىتتى، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت.»

خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ليۇ بىيۈن مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قاتنىشىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، ئاھالىلەر ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىنكاسى بىر قەدەر ياخشى بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي  ئىش، ياخشى ئىشلارنى داۋاملىق قىلىپ، تەۋەلىكتىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاھالىلەر ۋە بالىلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۇختا ئاساس سالىمىز.»

(ماقالىنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خۇاگۇاڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋېيخۇجۇاڭ غەربىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىن سۈن جېنسۇڭ، رېن مېڭجيې تەمىنلىگەن)

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى