تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مېڭە قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشتىكى ئون ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى

  

    مېڭە قان نۆكچىسى دېگىنىمىز ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش، ئارتېرىيە ئىچكى پەردە ياللۇغى ھەمدە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، مېڭە قان تومۇرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش مېڭە قان نۆكچىسىنى پەيدا قىلىدىغان بىرىنچى چوڭ سەۋەب، ئۇ ياشانغانلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مېڭە قان نۆكچىسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرىلايدۇ. مېڭە قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشتىكى 10 ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدىن  ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

1. ئاغزى ـ كۆزى مايماق بولۇش ياكى شۆلگىيى ئېقىش؛ مەسىلەن، بىر تەرەپ يۈز قىسمى ماغدۇرسىزلىنىش ياكى ئۇيۇشۇپ قېلىش، كۈلۈمسىرىگەندە ئاغزى مايماق بولۇپ قېلىش ياكى چىش چوتكىلىغاندا ئاغزىدىكى سۇنى تۇتۇۋالالماسلىق، ھەتتا شۆلگىيى ئېقىش.

2. بەدەننىڭ بىر تەرىپى ماغدۇرسىزلىنىش، يەنى يېرىم پالەچ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ، يۇقىرىقى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىش ۋە تۆۋەنكى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. يۇقارقى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىشنىڭ ئىپادىلىرى، تىغدا ساقال ئالغاندا، تۇيۇقسىز بىلىكى ماغدۇرسىزلىنىپ، تىغ يەرگە چۈشۈپ كېتىش؛ چوكا بىلەن سەينى ئوڭۇشلۇق قىسالماسلىق؛ كىيىمنىڭ تۈگمىسىنى ئېتەلمەسلىق قاتارلىقلار. تۆۋەنكى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىشنىڭ ئىپادىلىرى،  ماڭغاندا بىر تەرەپكە قىيسىيىش، قېيىپ كېتىش، ھەتتا پۇتىنى سۆرەپ مېڭىش؛ مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق، قەدەم ئېلىشى بىنورمال بولۇش؛ يول ماڭغاندا ئىختىيارسىز ھالدا قايتا ـ قايتا يىقىلىپ كېتىش، بولۇپمۇ ئۇياققا-بۇياققا قارىغاندا، بېشىنى كۆتۈرگەندە ئاسانلا كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ مېڭە قان نۆكچىسىگە ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بار.

3. راۋان گەپ قىلالماسلىق. گەپ قىلغاندا كۈچ سەرپ قىلىش، «تىلى يوغىناش» ياكى باشقىلارنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەسلىك؛

4. نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرۈش. كۆزنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيە توسۇلۇپ قېلىش ياكى كۆرۈش سېزىمىنى ئانالىز قىلىشقا مەسئۇل بولغان چوڭ مېڭە مەركىزى زەخمىلەنگەنلىكتىن، بىمارنىڭ تۇيۇقسىز بىر كۆزى ئېنىق كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن؛

5. تۇيۇقسىز باش قېيىش. بۇ مېڭە قان نۆكچىسى كېسىلىدە دائىم ئۇچرايدىغان بىر سىگنال بولۇپ، بېشى قېيىش، بېشى چىڭقىلىش، ھەتتا ئاسمان ـ زېمىن چۆرگىلەش، بەدىنى مۇقىم بولماسلىق، ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق، ئېغىر بولغاندا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، تەرلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛

6. پۇت ـ قول ئۇيۇشۇش. بولۇپمۇ بىر تەرەپ بەدەن ئۇيۇشۇپ قېلىش، كۆپ ھاللاردا مېڭە قان نۆكچىسى كېسىلىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى چوڭ مېڭە پۇت ـ قولنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، يەنە بارلىق سەزگۈلەرگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇڭا بىنورماللىقمۇ دائىم مېڭە قان نۆكچىسى كېسىلىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

7. ئۇيقۇسىراش، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇش ياكى ئەسنەش؛ مەسىلەن، ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەندىمۇ ئۇخلاپ قېلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، توختىماي ئەسنەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، بەلكىم ئارتېرىيە تارىيىپ، ھەتتا مېڭە توسۇلۇشى مۇمكىن.

8. باش ئاغرىش. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان باش ئاغرىش ياكى ئەسلىدىكى باش ئاغرىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىش، كۆپىنچە ئاغرىق داۋاملىق پەسەيمەسلىك، ئېغىر بولغاندا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛

9. قېقىلىپ يۆتىلىش، يۇتۇش قىيىنلىشىش. تاماق يېگەندە ياكى سۇ ئىچكەندە قېقىلىپ يۆتىلىش، ھەتتا يۇتۇش تەس بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، گەپ ـ سۆزى ئېنىق بولماسلىق، ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛

10. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش، ئوقۇش ـ يېزىشتا قىينىلىش. بەزى بىمارلار تۇيۇقسىز ئادەم ئىسمى، نەرسە ئىسمىنى چاقىرالمايدۇ، نورمال ھېسابلىيالمايدۇ ياكى يازالمايدۇ ياكى ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تەپەككۇرغا مەسئۇل چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى