تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى ۋە بىڭتۇەن تىياتىر ئۆمىكىدىكى پىدائىيلار مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزدى

  توغراق تورى قومۇل 11-ئايىنىڭ 19-كۈنى خەۋىرى (گو مەنيۈ، داڭ ۋېنچېڭ): شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى ۋە بىڭتۇەن تىياتىر ئۆمىكىنىڭ پىدائىيلىرى «مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ، 13- شى ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىغا باردى.

  ئويۇن نەق مەيدانى

  نەق مەيداندىكى تاماشىبىن ۋاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «ئارتىسلار يېقىملىق ناخشا ئاۋازى، لەرزان ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق بىزگە ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى، كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم».

  ئويۇن نەق مەيدانى

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، پىدائىيلار يەنە ئاساسىي قاتلام ليەندۈيلەرگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە شىنىڭ ليەندە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىغىمۇ ئوخشاشلا ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش