شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5- شى 84- تۇەنىنىڭ ئىھاتە ئورمىنى (11- ئاينىڭ 7- كۈنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان)
بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىرى خۇ ۋېيبىن خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5- شى 84- تۇەنى ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زىرائەت تېرىشقا ماس كەلمەيدىغان ۋە تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئېتىزلارنى ئورمان يېرىگە ئۆزگەرتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى، نۆۋەتتە بۇ تۇەننىڭ ئورمان يېرى 15 مىڭ 900 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەر 8000 مو.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى