تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2013 - يىلى 6 - ئايدىن 2014 - يىلى 9 - ئايغىچە، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ، خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە ماركسىزملىق ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق كۆردى. 2013 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، پائالىيەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - تەلىپى، ئۇسۇل - قەدەم - باسقۇچى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، پائالىيەت رەسمىي باشلاندى.

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگانلىرى، رەھبەرلىك بەنزىلىرى، رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە «ئەينەككە قاراش، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، داۋالىنىش»تىن ئىبارەت باش تەلەپ بويىچە، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق ساھە چىڭ تۇتۇلۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىكتىن ئىبارەت «تۆت خاھىش» مەسىلىسى مەركەزلىك تۈزىتىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېينى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ باشلامچى بولدى ۋە ئالغا سىلجىتتى.

بۇ قېتىمقى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ۋە ئوبرازى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىكلىنىپ، پارتىيە رايى، ئەلرايى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇجەسسەملىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە مۇھىم تەييارلىق كۆرۈلۈپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى