تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو - ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى كېڭىشىش مېخانىزمى تۇنجى قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو - ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى كېڭىشىش مېخانىزمى تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنىڭ دۇڭجىڭدا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو، ياپونىيە ئىككى دۆلەتنى بىرلا سۇ ئايرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، تارىخىي ئادىمىيەت مەنبەسى چوڭقۇر. 2000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇزاق مەزگىللىك ئالاقىلىشىش جەريانىدا، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ئاسىيا مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشى مەدەنىيەتنىڭ كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، دەۋر ئېقىنىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى تەرەپنىڭ بۇ بىر مېخانىزمدىن ئورتاق ياخشى پايدىلىنىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئادىمىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەنبېي جىنسەن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە - جۇڭگو يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى كېڭىشىش مېخانىزمى مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن دابەندە ئۇچرىشىشتا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش، مەقسەت كەڭ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستانە ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. مېخانىزمنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى دەۋرگە ماس كېلىدىغان ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتىكى ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.