قاغىلىق ناھىيەسى بارىن يېزىسى چىلەكيار كەنتىدە تاتلىق ياڭيۇدىن مول ھوسۇل ئېلىش كۆرۈنۈشى كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان بولۇپ، قاغىلىق ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى قىلىقىز نۇرمەمەتكە ياردەملىشىپ تاتلىق ياڭيۇ كولىشىپ بېرىۋاتاتتى. بۇ يىل، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى «شاڭشۇ 19»، «مىشۇ» دىن ئىبارەت يېڭى سورتلارنى تېرىشقا يېتەكلىگەن بولۇپ، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 3500 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتى ھەم كىرىمى ئاشتى. (قەشقەر ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ لياڭ، جيا لىڭلىڭ تەمىنلىگەن)
«شىنجاڭ ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى