تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق كىشىلەر ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

      نورمال كىشىلەرنىڭ ئاچ قورساق قان شېكىرى قىممىتى 3.89 ~ 6.1 mol/ L بولىدۇ؛ ئەگەر 6.1 mmol/ Lدىن يۇقىرى، 7.0 mmol/ Lدىن تۆۋەن بولسا ئاچ قورساق قان شېكىرى زىيانغا ئۇچرىغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قان شېكىرى ئۇزاق مۇددەت 5.6 mol/ Lدىن يۇقىرى بولسا، ئادەم بەدىنىدىكى مىكرو قان تومۇرلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى مۇقەررەر ئاجىزلايدۇ، ئەگەر كونترول قىلمىسا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىر نەچچە يىلدىن كېيىنكى قان شېكىرى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئۆلچىمىگە يېتىدۇ.

  ئاچ قورساق قان شېكىرى نورمال، تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى بىنورمال بولۇش. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، تاماقتىن كېيىنكى بىر سائەتلىك قان شېكىرى 6.7 ~ 9.4 mol/ L بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ  mol/ L 11.1دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، تاماقتىن كېيىنكى ئۈچ سائەتتە نورمال ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەگەر تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى نورمال بولمىسا، ھەتتا ئۈچ سائەتتىن كېيىن يەنىلا ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلىسا ياكى بەك ئاستا بولۇپ كەتسە، بىر كۈندىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتنىڭ يۇقىرى قان شېكىرى ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، يۈرەكنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  قورسىقىڭىز يوغانمۇ؟ پۈتۈن بەدەنلىك سېمىزلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىچكى ئەزا مەنبەلىك سېمىزلىك بىمارلىرىنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئىچكى ئەزا خاراكتېرلىك سېمىزلىك دېگەن نېمە؟ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى «پىۋا قورساق»، «سۇ ئۈزۈش چەمبىرىكى» شەكلىدىكى كىشىلەر. شۇڭا، ئورۇقلايدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەل ئايلانمىسىنى كىچىكلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

   ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى ئەمەس. نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى بەك قىسقا ياكى كېچە ـ كۈندۈز رېتىمى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن كىشىلەردە، ئاسانلا قان شېكىرىنى كونترول قىلىش توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ ھاياجانلىنىشىنى، سېزىمچانلىق سىستېمىسىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بەدەندىكى كورتىزول، ئادرېنالىن قاتارلىق قەنت ئۆرلىتىش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدىكەن، يەنە ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىكەن.

  يېمەك ـ ئىچمەك ئۇسۇلى «ئىككىدە يۇقىرى، بىردە تۆۋەن». «ئىككىدە يۇقىرى، بىردە تۆۋەن» يۇقىرى ماي، يۇقىرى ئىسسىقلىق، تۆۋەن تالالىقلارنى كۆرسىتىدۇ. دائىم چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك ۋە ھامبۇرگ بولكىسى قاتارلىق تويۇنغان ياغ ياكى يۇقىرى تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى يېمەكلىكلىرىنى يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دىيابېت كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؛ تۇرمۇشتا دائىم دانلىق زىرائەت تالالىرى مىقدارى تۆۋەن گۈرۈچ تامىقى، موما، چۆپ، بولكا قاتارلىق ئىنچىكە ئىشلەنگەن ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى