تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۇ يۈمېي

مەن ئۈچ ياش ۋاقتىمدا ئاتا - ئانام بىلەن بىللە ئاتۇش شەھىرىگە كېلىپ، ئىزچىل ئاتۇشتا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدىم، ئۆسۈپ يېتىلدىم، مەكتەپتە ئوقۇدۇم، خىزمەت قىلدىم. ئاتا - ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، 1973 - يىلى ئائىلەمدىكىلەر ئەمدىلا ئاتۇشقا كەلگەن چاغدا، ئازاق ئورمانچىلىق مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. شىنجاڭغا يېڭى كەلگەندە، يېڭى يەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشلۇقى بولمىغاچقا، بۇنىڭدىن ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولمىغاچقا، ئۇيغۇر تاغا، ھاممىلارنىڭ بەزىلىرى يۇڭ ئەدىيال بىلەن تەمىنلەپ، بەزىلىرى يوتقان ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاتا - ئانامنى ناھايىتى تېزلا ئورمانچىلىق مەيدانىدا تۇرۇپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ئىكەن. بىر يىلدىن كېيىن، ئاتا - ئانام مېنى شىنجاڭغا ئەكىلىۋالدى. كىچىك ۋاقتىمدا مەن ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئۇيغۇر كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە ئوقۇدۇم، مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ھەر مىللەت ئاممىمۇ بىللە ئىشلەپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، خىزمەتتە ئۆزئارا قوللاپ، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئىناق بىللە ياشاپ، ئورتاق ئالغا باساتتى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشتەك رىشتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى، بىر - بىرىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلاتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزغانىدى.

مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە دائىم قۇربان تاغىنىڭ «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقى» توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەتتى، بۇ، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى بىر داستان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، پامىر ئېگىزلىكىدىكى «ئاق خالاتلىق ئەۋلىيا» ۋۇ دېڭيۈن، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى يېقىملىق قىلىپ «دۆڭگۇرمۇ ئانا» دەپ ئاتايدىغان بۇرماقان مولدۇ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ نەچچە ئون يىل دوختۇرلۇق قىلغان جۇاڭ شىخۇا، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان يېتىم بالىلارنى بېقىۋالغان ھەم ئۇلارنى بېقىپ تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان چوڭ ئانا ھەنىپە ئالىماخۇن، «ئالتۇندەك قەلب»ى بار، ھەر مىللەتتىن بولغان يۈز نەچچە ياشانغان كىشى ۋە ئۆيدە قالغان بالىلارغا ھەقسىز ياردەم بەرگەن، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ۋاڭ گۈيجېن، ئون نەچچە يىل ئايرىلماي، ۋاز كەچمەي ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن يوۋ لياڭيىڭ قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىپلار شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، ئۇلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھەر بىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى تاغ - دەريالارنى تەسىرلەندۈردى، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ قەلبىدىكى مەنىۋى كوردىناتقا، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر - بىرىگە چىڭ باغلانغان، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان مەدھىيە ناخشىلىرىغا ئايلاندى. ھەر بىر ھېكايە بىزگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە بەرمەكتە ۋە تۈرتكە بولماقتا. «گۈلخان قاتتىق سوغۇقنى ھەيدىيەلەيدۇ، ئىتتىپاقلىق قىيىنچىلىقنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋېتەلەيدۇ». تارىخ ۋە رېئاللىق قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئىتتىپاقلىق − غەلىبە.

قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، مەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان ئارزۇسى ۋە ئىشەنچىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە مەن ئۈچ ئائىلە بىلەن تۇغقان بولدۇم، بىز ئۆزئارا دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرىمىز، بىر - بىرىمىز بىلەن خۇددى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەردەك، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللاردەك ئۆتىمىز. ھەر قېتىم ئۇلارنى يوقلاپ بارغاندا، مەن بەزى كۈندىلىك بۇيۇملارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ ئۇلارغا سوۋغاتلىققا ئېلىۋالىمەن. تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، تۇغقانلىرىم ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن مەززىلىك تائام - قورۇمىلارنى ئېلىپ چىقىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ كېلىدۇ، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ خۇشاللىققا چۆمىمىز. مەنمۇ تۇغقانلىرىمغا ياردەملىشىپ تاماق ئېتىشىپ بېرىمەن، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىمەن، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا كۈچىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىمەن، ئۇلار بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يوللىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىمەن. مېنىڭ تۇغقىنىم تەۋەككۈل شەمشىدىن تاغا قىزغىن، مېھماندوست بولۇپ، مېنى ئۆز قىزىدەك كۆرىدۇ؛ تۇغقىنىم مەمەتزۇنۇن تۇرسۇننىڭ قىزى ئالمىرە مەمەتزۇنۇن بېيجىڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، مەن دائىم ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىمەن، ئۇ قانداق قىيىنچىلىقى بولسا ماڭا ئېيتىدۇ، مەنمۇ ھەمىشە ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا ھەل قىلىپ بېرىمەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىز قىلىشمايدىغان گېپىمىز يوق ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق؛ تۇغقىنىم ئابدۇغەنى مەمەت ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئىدى، مەن قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردىم، يەنە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئەمگەك قىلىشىپ بەردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى، ھازىر مەن بىلەن تۇغقانلىرىمنىڭ قىلىشمايدىغان گېپىمىز يوق. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن، بىز ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق.

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. ئىشىنىمەنكى، پەقەت بىز سەمىمىي سىردىشىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ ھالىغا يېتىپ، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتساقلا، ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولالايمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرساقلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى