تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ۋاڭ بوۋېي: غەم ئەندىشىنى تۈگىتىشتە ئەمەلىي ئىش قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

«ئۆزۈمنىڭ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس بولۇپ باھالانغانلىقىمنى ئوقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يۇرتداشلارغا يەتكۈزۈپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قارابورە كەنتىنى تۇرمۇشى ياخشى، مۇھىتى ياخشى، ئىتتىپاقلىقى ياخشى، كەسىپلىرى ياخشى يېڭى يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ساغانچىكە يېزىسى قارابورە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ بوۋېي.

قارابورە كەنتى ئىلگىرى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت بولۇپ، كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر ناچار، كەسىپ قۇرۇلمىسى يەككە، دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسى مۇتەئەسسىپ ئىدى.

2017 - يىلى 1 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسىلىق، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاڭ بوۋېي قارابورە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقلىقى، 1 - شۇجىلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىگىلىدى. كىمنىڭ ئۆيىدە قانچە جان بار، قانچىلىك يەر تېرىدى، قانداق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلە بار دېگەنلەرنى ئۇ بىر - بىرلەپ خاتىرىلىۋالدى، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ توپلىغان خىزمەت خاتىرىسىلا 30 نەچچە بولۇپ، دەستىلەپ قويغاندا ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن ئاشاتتى.

ۋاڭ بوۋېي خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئۆستەڭ، يول، سالا ئېتىز، تار كوچىلارنى تەكشۈرۈپ، «يىرىك پىلاننى باشلامچى قىلىش، يولنى رامكا قىلىش، ئۆستەڭ سىستېمىسىنى ئاۋۋال يولغا قويۇش، ھويلا - ئاراننى مۇھىم نۇقتا قىلىش، كۆكەرتىشنى بېزەك قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۈگۈنكى كۈندە، قارابورە كەنتىدە 7.8 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ يېڭىدىن ياسالدى، 17 كىلومېتىر يول يېڭىدىن ياسىلىپ، تۆت ئاھالىلەر نۇقتىسى ئۆزگەرتىلىپ، 265 ئائىلىلىك گۈزەل ھويلا - ئاران بەرپا قىلىنىپ، 6500 مېتىر ئېلېكتىر تورى ئۆزگەرتىلىپ، 268 ئائىلىگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلۈپ، كەنتنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى.

كەنت ئاھالىسى قادىر ئىسمايىل بالىسىنىڭ ئاغرىپ قېلىش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنىدى، ئەمما ئۇنىڭ چوڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى بار ئىدى. ۋاڭ بوۋېينىڭ ياردىمىدە، قادىر 50 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، بىر يەككە ئوقلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قۇم - شېغىل توشۇپ بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. كەنت ئاھالىسى ما شۆيى نامرات ئاھالە بولۇپ، ئىككى بالىسىنىڭ بىرى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا، بىرى رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىغا ئۆتكەنىدى. ۋاڭ بوۋېي ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشى، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىنى ماسلاشتۇرۇشى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئالاقىلىشىشى، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ۋاڭ بوۋېينىڭ ياردىمىدە ما شۆيىڭدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىسى بار بولدى.

ھەر قېتىملىق مۇھىم، چوڭ بايراملاردا، ۋاڭ بوۋېي ھەر مىللەت ئاممىنى تەشكىللەپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىش، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

ۋاڭ بوۋېي ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»نى قېلىپلاشتۇرۇشتىن قول سېلىپ، كەنتتىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ، ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، چاقىرىق كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ۋەزىيەت ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىلدى.

ۋاڭ بوۋېي يەنە ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ۋەتەن مېنىڭ قەلبىمدە، دۆلەت بايرىقى ئۆيۈمدە» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاستىدا دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىشى، «ئائىلە يىغىنى»نىڭ دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ئېچىلىشى، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىشى، قارابورە كەنتىدىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى