تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تارقىلىشچان زۇكام پەسلى يېتىپ كەلدى، تاقابىل تۇرۇش كۆرسەتمىسىنى تېزدىن ساقلىۋېلىڭ!

 

  

    تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس يولى تارقىلىشچان كېسەللىكى بولۇپ، ئادەملەر زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا ئاسان يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا تارقىلىشچان زۇكامدىن قانداق قىلغاندا يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بار؟ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىكىسى ئەملەشنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈمى قانداقراق بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى تاقابىل تۇرۇش كۆرسەتمىلىرىنى تېزدىن ساقلىۋېلىڭ !

  تارقىلىشچان زۇكام ≠ ئادەتتىكى زۇكام

  ئادەتتىكى زۇكام: بىر خىل دائىم ئۇچرايدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكى.

   بىرىنچى، 70~80 پىرسەنتكىچە ۋىرۇس بۇرۇن ۋىرۇسى، تاجىسىمان ۋىرۇس، بەز ۋىرۇسى قاتارلىقلار.

2) ئادەتتىكى زۇكام ھەر قېتىمدا يەتتە كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئادەم ھاياتىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 قېتىم زۇكام بولىدۇ.

3) بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ماڭقىسى ئېقىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار. يۇقارقى نەپەس يولى كېسەللىكى ئالامىتى ئېنىق بولۇپ، يېنىك قىزىيدۇ.

 ئىككىنجى، تارقىلىشچان زۇكام: پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن پەيدا بولغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى.

1) تارقىلىشچانلىقى يۇقىرى، تېز سۈرئەتتە تارقىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى غەيرىي ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە.

2) جىددىي يۇقىرى قىزىيدۇ (℃39 ~ ℃40)، پۈتۈن بەدەن ئاغرىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ.

3) ئاسانلا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئۈچىنچى، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ زىيىنى ئېغىر:

  ھەر يىلى دۇنيا بويىچە بىر مىليارد تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىك مىسالى كۆرۈلىدۇ.

    3 مىليون ~ 5 مىليونغىچە ئادەم ئېغىر كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

290   مىڭ ~ 650 مىڭغىچە بولغان ئادەم تارقىلىشچان زۇكامغا ئالاقىدار نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بىلەن قازا قىلىدۇ.

  ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىكەن.

  دۆلىتىمىزدە تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىلىرى:

  ئۈچ ۋالېنتلىق ئاكتىپسىزلاندۇرۇلغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى (Ⅶ3) 

   0.25 مىللىگىرام (6 ~ 35 ئاي ياشقىچە) ، 0.5 مىللىگىرام  (36 ئايلىقتىن چوڭ بالىلار)

  پارچىلانغان ۋاكسىنا، سۇب بىرلىك ۋاكسىنا

  تۆت ۋالېنتلىق ئاكتىپسىزلاندۇرۇش - 18 - تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى (4)

   0.5 مىللىگىرام (36 ئايلىقتىن چوڭ بالىلار)

  پارچىلانغان ۋاكسىنا

  بىر خىل بۇرۇنغا پۈركۈيدىغان ئۈچ ۋالېنتلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش مىقدارى 0.2 مىللىلېتىر، 3 ~ 17 ياشلىقلار توپىغا ماس كېلىدۇ.

  تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشتىكى ئەسكەرتىش

  ئېلىمىزدە يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشتىن بۇرۇن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ !

  تۆۋەندىكى كىشىلەر توپىنى ئالدىن ئەملەش تەۋسيە قىلىنىدۇ:

1. 6 ~23 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار

2. 2~5 ياشقىچە بولغان بالىلار

3. 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشانغانلار

   تۆتىنچى، ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئاغرىقلىرى

   بەشىنچى، تېببىي خادىملار

  ئالتىنچى، ئالتە ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە باققۇچىلىرى

 يەتتىنچى، ھامىلىدارلار ياكى تارقىلىشچان زۇكام پەسلىدە ھامىلىدار بولغان ئاياللار

 ئادەتتە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

 بالىلار: ئادەم زىچ جايلارغا ئامال بار ئاز بېرىش، مايسىز تاماق بىلەن غىزالىنىپ، سۇنى كۆپرەك ئىچىش؛ ھەركۈنى بىر سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، دەرھال قولىنى سوپۇنلاپ يۇيۇش.

 ياشانغانلار: كىيىم-كېچەكنى قېلىن كىيىپ، سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قارا شېكەر سىڭجياڭ سۈيى ئىچىۋېتىش؛ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، تىكتاك توپ ئويناش قاتارلىقلار؛ نەملەشتۈرگۈچ ئارقىلىق ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى %60 ئەتراپىدا ساقلاش؛ ھەركۈنى كەچتە ئىسسىق سۇغا پۇتىنى چىلاپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى