11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىشچىلار نيۇجيايىڭزى بازىرىدىكى بىر جۇڭيى دورىسى شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىدا دورا ماتېرىياللىرىنى تەييارلىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرى قاراچىن خوشۇنىغا جايلاشقان نيۇجيايىڭزى بازىرى مەملىكەت بويىچە مۇھىم جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بازىلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، نيۇجيايىڭزى بازىرى نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى پائال قۇرۇپ، كوپىراتىپنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، بۇ بازاردا شىمالىي شىقىلداق، ئاپېلسىن ساپىقى قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى تېرىلغان كۆلەم 70 مىڭ موغا يېتىپ، ئەتراپتىكى رايونلاردا 250 مىڭ مودىن ئارتۇق دورا ماتېرىيالى تېرىشقا تۈرتكە بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ چىن فوتوسى)