تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] قىش پەسلىدىكى بوغدا، خىيالىي گۈزەل جاي

شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى قەدىمدە «ياۋچى كۆلى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئېگىز تاغ كۆلىنى مەركەز قىلغان تەبىئىي كۆل ھېسابلىنىدۇ، مەنزىرە رايونى بوغدا كۆلىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئورمان، يايلاق، قارلىق تاغ، ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىر گەۋدىلىشىپ، ئۆزگىچە بىر مەنزىرە ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە شىنجاڭ تىيانشان تېغى دۇنيا تەبىئىي مىراس جايىنىڭ يادرولۇق كۆرگەزمە رايونى بولغان تىيانشان بوغدا كۆلى ئاللىقاچان ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشتىكى چوقۇم تاللايدىغان مەنزىلى بولۇپ بولدى.

سەھەردە قۇياش نۇرى تۇنجى بولۇپ بوغدا كۆلى يۈزىگە چۈشكەندە، بوغدا كۆلى شۇ ھامان چۈش كەبى خىيالىي جايغا ئايلىنىدۇ. كۆل بويىدىكى تىيانشان شەمشادلىرىنىڭ شاخلىرىغا قار گۈللىرى لىق تولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يېشىل قىياپىتىنى يوقاتمايدۇ. سەيلە كېمىسى ئەينەكتەك سۈزۈك كۆل يۈزىدە قارلىغاچ قۇيرۇقىسىمان دولقۇنلارنى چىقىرىپ ماڭىدۇ، بۇ خىل ساپ، خاتىرجەملىككە تولغان ۋە جانلىق كۆرۈنۈشلەر گۈزەللىكتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ!

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى