تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ھۈسەن ھاپىز: قوي-كالا بېقىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىمەن

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر فېڭ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن ۋاڭياڭ خەۋىرى): «ھازىر ئۆيۈمدە سەككىز قوي، تۆت كالا بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىنەكنىڭ موزايلىشىغا ئاز قالدى، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.» 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ھۈسەن ھاپىز مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شۇنداق دېدى.

ھۈسەن ھاپىز شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى قارا يانتاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى، بۇ يىل 39 ياشقا ھۈسەن ھاپىزنىڭ ئائىلىسى يەر ۋە تېخنىكا كەمچىل بولغانلىقتىن، 2017-يىلى نامرات ئائىلە قىلىپ بېكىتىلگەن.

«ئۇ چاغدا نامرات ئائىلە دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، يىغىنلاردا ئىسمىم چىقسا ئۇيالغىنىمدىن قىزىرىپ كېتەتتىم، كۆڭلۈممۇ بىر قىسمىلا بولاتتى» دېدى ھۈسەن ھاپىز، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بارغانسېرى ياخشىلىنىش بولغان.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جاڭ يەنجۇڭ مۇنداق دېدى: «ھۈسەن ھاپىز ھورۇن ئەمەس، ئۇنىڭدا تېخنىكىلا كەمچىل، ئۇ ئىشلەشنى خالىسىلا، بىز بارچە ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمىز».

2018-يىلى ھۈسەن ھاپىزغا 20 تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىلىپ بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن ھۈسەن ھاپىز باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ ئېيىغا 1000 يۈەن مائاش ئالدى.

«قويلارنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم، ئەمما قوتان سەل كىچىكلىك قىلدى» دېدى ھۈسەن ھاپىز مۇخبىرغا، قويلارنى بىر مەزگىل باققاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئەترىتىنى ئىزدەپ، قوينى كالىغا ئالماشتۇرۇش ئويىنى ئېيتقان.

«مەن شۇ چاغدا، قويلارنى بۆلۈپ بولدى، مەن يەنە يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويسام خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار قوشۇلماي قالارمۇ، دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئىككىنچى كۈنى ئۇلار كالىنى ئۆيۈمگە ئەكىلىپ بەردى» دېدى ھۈسەن ھاپىز.

ھۈسەن ھاپىز 14 تۇياق قوينى بىر سىممېنتال ئىنىكىگە ئالماشتۇردى، بۇ يىل 7-ئايدا بۇ ئىنەك بىرنى موزايلىدى. ئۈمىد تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە 30 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، كالا سانىنى ئۈچكە ئاشۇردى.

2018-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئىسمى نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىردى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش كېرەك، مۇھىمى قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك.» نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، بۇ يىل ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ھۈسەن ھاپىزغا يەنە بىر تۇياق نامراتلارنى يۆلەش كالىسى تەقسىملەندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كالا سانى تۆتكە يەتتى.

«ئۆيۈمدىكى موزاي تۆت ئايلىق بولاي دېدى، بىرەيلەن 6000 يۈەنگە سېتىۋالماقچى بولغان، سېتىشقا كۆزۈم قىيمىدى. ئۇنى ئوبدان بېقىپ بورداپ ياخشى باھاغا ساتاي دەيمەن» دېدى ھۈسەن ھاپىز.

ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى