11- ئاينىڭ 23- كۈنى، مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنى مۇزىكا مائارىپى شۆيۈەنىنىڭ خور ئۆمىكى «ياخشى» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، «2019 جۇڭگو مىللىيچە مۇزىكىغا ۋارىسلىق قىلىش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنىدە باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مۇتەخەسسىسلەر دەرسخانىسى، ئەلئارا مۇزىكا كۆرگەزمە كۆرىكى، مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مىللىي مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو مىللىي مۇزىكىسىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن. (رېن چاۋ فوتوسى)
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئارتىسلار دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ باربىت ناخشىسىنى ئېيتماقتا.
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئارتىسلار مىياۋزۇ مىللىتىنىڭ «جىنجى ئۇسسۇلى»نى ئورۇندىماقتا.
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئارتىسلار دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ ناخشىسى «باھار تومۇزغىسى»نى ئېيتماقتا.