تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم شەرھلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار دۆلەت مۇزېيىغا كېلىپ، «گۈللىنىش يولى» ئاساسىي كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شەرھلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، «جۇڭگو ئارزۇسى» پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مۇھىم ئىدىيەۋى ئۇقۇم بولۇپ قالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەربىر ئادەمنىڭ غايىسى ۋە ئىنتىلىشى بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولىدۇ. ھازىر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئارزۇسىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. بۇ ئارزۇغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ھەربىر جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەربىر كىشىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. دۆلەت ياخشى بولسا، مىللەت ياخشى بولسا، كۆپچىلىك ئاندىن ياخشى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل ئىش بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. بىز بۇ بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلار چوقۇم ئالدىنقى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى باشلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ، مىللىتىمىزنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى كۆپ قېتىم چوڭقۇر شەرھلىدى. جۇڭگو ئارزۇسىنى تەكىتلەشنىڭ ئاساسىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى دۆلەتنى بېيىتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش؛ جۇڭگو ئارزۇسى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز؛ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر مەقسەتتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ جۇڭگو ئارزۇسى تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش ئارزۇسى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، بەلكى دۇنيا خەلقىگىمۇ بەخت يارىتىدۇ.

جۇڭگو ئارزۇسى بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق غايىسى، ئىنتىلىشىنى جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ، دۆلەتنىڭ بېيىشى، قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشىشىدەك گۈزەل ئىستىقبالنى جاكارلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە دەۋر روھىنى قوشتى. جۇڭگو ئارزۇسى ئاللىبۇرۇن پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەيدىغان، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.