تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

چىن قەلبىم، ھەقىقىي ھېسسىياتىم بىلەن ئەل قەلبىنى ئىللىتىمەن

پىڭ لۇڭ:

چىن قەلبىم، ھەقىقىي ھېسسىياتىم بىلەن ئەل قەلبىنى ئىللىتىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

«بۇ قېتىم بەختىمگە يارىشا بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، قولۇمدىن كېلىشىچە ئىشلەپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىچى شەخس، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى پىڭ لۇڭ.

خىزمەتتە، پىڭ لۇڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ياردەمچى ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان، سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىدىغان كەيپىيات ياراتتى.

تۇرمۇشتا، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئۇچرىسا، مەيلى چوڭ - كىچىك ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پىڭ لۇڭ ھەمىشە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، تارماق ئەترەتتىكى خەلق ساقچىلىرىغا ئۈلگە بولدى. 2015 - يىلى، خەلق ساقچىسى ياسىن قاسىم خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى. ھەر قېتىمقى قۇربان ھېيت، روزا ھېيت قاتارلىق بايراملاردا، پىڭ لۇڭ ياسىننىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلاپ ئۇلاردىن ھال سورىدى؛ ياردەمچى ساقچى قېيۇم مۇسانىڭ ئائىلە تەۋەسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا پۇل كېرەكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، پىڭ لۇڭ 500 يۈەننى قېيۇمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا، تارماق ئەترەتتىكى بارلىق خادىملار ئۆزلۈكىدىن 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، قېيۇم ئائىلىسىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

2017 - يىلى 11 - ئايدا، پىڭ لۇڭ كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى تۆۋەن دوغا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۆرەم ياسىن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. تۆرەم ئائىلىسىدە بەش جان بار بولۇپ، يەر ئاز، ئادەم كۆپ، تۇرمۇشى نامرات ئىدى، تۇغقىنىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش پىڭ لۇڭنىڭ كۆڭلىدىكى غەم يەيدىغان ئىش بولۇپ قالدى.

كۆپ تەرەپتىن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق پىڭ لۇڭ تۆرەمنىڭ چوڭ ئوغلىغا ھەر ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى تېپىپ بەردى. كېيىن ئىشقا بېرىپ - كېلىشنىڭ قولايسىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە بېرىپ ياردەمچى ساقچى بولۇشىغا ياردەم بەردى، خىزمەت كىرىمى مۇقىم بولغاچقا، تۆرەم بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن خۇشال بولدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ھەر ئايدىكى قەرەللىك زىيارەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، پىڭ لۇڭ خىزمەتتىكى بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ تۇغقىنىنى يوقلاپ، تۇغقىنىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە پىڭ لۇڭ ئېتىزغا بېرىپ تۇغقىنى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلدى، تۇغقىنى نەشپۈتلىرىنى ساتالمىغاندا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن 3000 يۈەنلىكتىن ئارتۇق نەشپۈت سېتىۋالدى ھەم ئەتراپىدىكى دوستلىرىنى نەشپۈتلەرنى سېتىشقا ياردەملىشىشكە سەپەرۋەر قىلدى. تۆرەم نان ياقالايتتى، ئۇنىڭ ئوخشىغان نانلارنى يېقىشى ئۈچۈن، پىڭ لۇڭ مەخسۇس يەنجىدىن نان سېتىۋېلىپ تۇغقىنىنىڭ تېتىپ بېقىپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىن قەلب، ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دېدى پىڭ لۇڭ.

كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى تۆۋەن دوغا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى راخمان زىياۋۇدۇننىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولغاچقا، ھويلا تېمىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەنىدى. پىڭ لۇڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 2018 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سېمونت ۋە خىش سېتىۋېلىپ، راخمانغا ياردەملىشىپ يېڭى ھويلا تېمى ياساپ بەردى، راخمان بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى