تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

شىنجاڭ مېۋىچىلىكى پىچان ئۈزۈم سودىسى مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

شىنجاڭ ئىچىدىكى مېۋە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلاردا سودا بازىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسەن تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ مېۋىچىلىكى پىچان ئۈزۈم سودىسى مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورىدىكى مېۋە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلاردىكى سودا بازىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسەن تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

شىنجاڭ مېۋىچىلىكى پىچان ئۈزۈم سودىسى مەركىزىگە جەمئىي 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 500 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 170 مىڭ كىۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە پۈتكەن ئۆلچەملەشكەن پىششىقلاش سېخى 11 مىڭ كىۋادرات مېتىر، يېڭى پېتى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى 7000 كىۋادرات مېتىر، ئامبار سودا لاپىسى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر، سودا راستچوت مۇلازىمەت زالى قاتارلىق باشقا يانداش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى 12 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۈزۈم، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە قوغۇن قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نەق مال سودىسى، ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى سوغۇق زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى يىغىش - تارقىتىش مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ مېۋىچىلىكى پىچان ئۈزۈم سودىسى مەركىزىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە باغۋەنلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

شۇ كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن «تۇرپان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، رايون يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆستۈرۈش، بازا قۇرۇلۇشى، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، باھا كۆرسەتكۈچى، ئۆلچەم بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق ھەمكارلىشىپ، «ئالاقە تورى+» زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەتلىك ماركىنى زورايتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پائال بازار ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مېۋە - چېۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 2018 - يىلى شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىغا سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى «توردا+تور سىرتىدا» تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تىجارەت ۋە مۇلازىمەتنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بازا، پىششىقلاش، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىن تېرمىنالدا سېتىشقىچە بولغان توپلانما تەرەققىيات سۇپىسى بەرپا قىلدى. شىنجاڭ سىرتىغا سېتىش تورى جەھەتتە، يېڭىدىن شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەھەللە دۇكىنىدىن 983ى قۇرۇلۇپ، سودا ساراي، تاللا بازىرى، سېتىش مەيدانلىرىدىكى مەخسۇس رايون، مەخسۇس پوكەيلەر مۇستەھكەملىنىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، رايون سېتىش سودىگىرى ھەم ئىتتىپاقداش سودىگەردىن 2137سى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە مەيدان چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا، تور سىرتىدا سېتىش پائالىيىتى پىلانلاندى. «ئىككى تور»نىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان رولى كۈندىن - كۈنگە گەۋدىلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى