تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىز يوق يەردىن مۇھەببەتنى كۆرگىلى بولىدۇ

يۆ يەنيۈن

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغ تونېلى يېقىندا تۇتاشتۇرۇلدى، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، 1000دىن ئارتۇق ئادەم ئۈچ يىل ئالتە ئاي ياسىغان بۇ چوڭ قۇرۇلۇش تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تونېلدىن باشقا، قۇرۇلۇشتىن ھېچقانداق ئىز قالمىغان. بىز مۇشۇنداق ئىزسىز قۇرۇلۇش قىلىشنى ئالقىشلايمىز، بۇنىڭدىن بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇق.

قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا، ئادەم پائالىيىتىنىڭ «ئىزى بولۇش» ياكى «ئىزى بولماسلىق» كۆپ ھاللاردا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن - كۆرسەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. ئىلگىرىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دېلو مىساللىرىغا نەزەر سالساق، ئون دېلو مىسالىنىڭ سەككىز - توققۇزى «ئىزى بولۇش»تىن كېلىپ چىققان. گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغ تونېلىنى ياساش جەريانىدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن «ئىزى بولۇش» ۋە «ئىزى بولماسلىق» ئىچىدىن قەتئىيلىك بىلەن كېيىنكىسىنى تاللىدى، بۇنداق تاللاشتا يېقىندىكىنى قويۇپ، يىراققا بېرىپ «سۇ ئېلىش»قا توغرا كەلسىمۇ، نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپ ئەخلەت، كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، باش تارتمىدى. ئەگەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى قەلبتە چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغان بولسا، قانداقمۇ بۇنداق ئەستايىدىل بولغىلى، بۇنچە كۈچىگىلى بولسۇن؟

ئىز يوق يەردىن مۇھەببەتنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ، جانلىق، تەسىرچانلىققا باي بىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى «دەرسلىكى»، بىز ئۇنىڭدىن ماھىيەتلىك مەزمۇننى ئوقۇپ چۈشىنىشىمىز ھەم تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتكە ماسلىشىدىغان، تەبىئەتنى ئاسرايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ئستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى