تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن  شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمەن

گۇچۇڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىليۇخې ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى چىن خەيلىڭ

ئائىلىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «ئالتۇن گۇچۇڭ» «قۇرۇقلۇقتىكى پورت» دېگەن گۈزەل ناملىرى بار گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ياشاپ كەلگەن. مەن يۇرتۇمنىڭ پاكار كېسەك ئۆيلەردىن ئازادە بىنا ئۆيلەرگىچە، چەكسىز چۆل - باياۋاندىن بوستانلىقلارغىچە، ئادەمزاتسىز قاقاسلىقلاردىن ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگىچە بولغان ئۆزگىرىشلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي بولغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھېس قىلدىم. كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى. بىز دائىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

كىچىك ۋاقتىمدا، ئۆيىمىز كىچىك بىر كەنتتە ئىدى، ئاتا - ئانام ھەر مىللەت يۇرتداشلار بىلەن بىللە ئەمگەك قىلاتتى، بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، تۇرمۇشىمىز گەرچە قىيىن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ناھايىتى چىقىشىپ ئۆتەتتى، ئۆزئارا ياردەم بېرەتتى. ئەتراپىمدىمۇ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن نۇرغۇن ساۋاقدىشىم بار ئىدى، بىز بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەي، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇق. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، بىزنىڭ دوستلۇقىمىزمۇ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، يەنىلا ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.

بىليۇخې ساقچىخانىسىغا كەلگەندىن كېيىن، مەن ھەمىشە بۇ خىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. ھەر قېتىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندە، قورۇ دائىم كۈلكە - پاراڭلار بىلەن ناھايىتى قىزىپ كېتەتتى. كۆپچىلىك بىرلىكتە تاماق ئېتىپ مۇڭدىشىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە بىرلىكتە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە بىر - بىرىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ھېسسىياتنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ پائالىيەتلەر ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىتىپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ئاددىي ھەرىكەتلەردە يۈكسىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ ئائىلە، بىز ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىمىز، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدۇ. ئەتراپىمىزدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر، كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمدا ئېنىق نامايان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇش ئاسان قولغا كەلمىگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرمىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى قوغدايمەن، ئورتاق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ، ئىشچان ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ بارغانسېرى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى يارىتىمىز.

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت. مەن سىياسىي مەيدانىمنى چىڭىتىپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلەر ئالدىدا كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما يولۇققان قىيىنچىلىقلار، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنى پائالىيەت ئارقىلىق ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى