سۈن جىنلۇڭ بىڭتۇەن 6 - شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى
ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ بىڭتۇەندە جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي سۈن جىنلۇڭ بىڭتۇەن 6 - شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرىگە بېرىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما بىلەن ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ بىڭتۇەندە ئومۇميۈزلۈك، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۇدۇنزى دېھقانچىلىق مەيدانى 2 - ليەنىدە، سۈن جىنلۇڭ ئورمان بەلبېغىنى باشقۇرۇش، مۇھاپىزەت قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ليەندۈينىڭ ۋاڭ لياڭ، ما چىڭ، لو ئەيشيا قاتارلىق «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى، ئورمان ھوقۇقى ئىسلاھاتى ۋە تۇەن - مەيدان ئىسلاھاتىدىن كېيىن يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. 101 - تۇەننىڭ نەنچۇەن مەھەللىسىدە، سۈن جىنلۇڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ئىسلاھات ئەمەلىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى بىر تۈركۈم تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈش بولدى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ليەندۈينىڭ يەر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، خەلق ئەسكەرلىرىدىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش» ئاساسىي تۈزۈمى ۋە ليەندۈي ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى، بىڭتۇەن ئىشچى - خىزمەتچىلىرى قائىدىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھاتتا شەكىللەنگەن تۈزۈم نەتىجىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تۇدۇنزى دېھقانچىلىق مەيدانى ئورگىنىدا، سۈن جىنلۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن چۆرىدەپ بىللە ئولتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى. سۈن جىنلۇڭ ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش»نىڭ نېمە ئۈچۈن باش تېما قىلىنغانلىقى، جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى، جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن سۆزلەش، سوراش، جاۋاب بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى توغرىسىدا چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك، ئەتراپلىق لېكسىيە سۆزلىدى ھەم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە نەق مەيداندا جاۋاب بەردى.
سۈن جىنلۇڭ لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۇەن «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى تەشۋىق قىلىشى، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئاۋانگارتلىق، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك. كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما بىڭتۇەننىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى پائال ھىمايە قىلىپ، قوللاپ، قاتنىشىپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ بىڭتۇەندە جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.