تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جىگدىلىك كەنتىنىڭ ئۆزگىرىش خاتىرىسى

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (4)

ئاخبارات تېز سىزمىسى

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ھاۋا ئىللىق بولۇپ، ياركۆۋرۈك يېزىسى يىلىقچىدۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختى ئەيسا يۇرتداشلار بىلەن بىللە چۆللۈكتىكى تەبىئىي ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىغا كېلىپ، ئاپتاپقا سېلىنغان ياڭاقلارنى تاغارغا قاچىلىدى. بۇ يىل بۇ كەنت ياڭاقتىن 60 توننا ھوسۇل ئالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 15 توننا ئاشتى. توختى تاغارغا ياڭاق قاچىلىغاچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ياڭاقنى چوقۇم ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ». (گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جېننەن سىزغان)

تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز كودنى سىكاننېرلاڭ

گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، لۇ فېڭباۋ

تار، ئۇزۇن ئورمان بەلبېغىدا روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتى بۇ ناھىيە بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغان 24 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ بىرى. 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مۇخبىرلار بۇ كەنتكە بېرىپ، غەيرىتى تولۇپ تاشقان كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جىسمىدىن، يېپيېڭى كەنت قىياپىتىدىن خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچى يېتەرلىك بولۇش

سېمونت لاي ئېتىش ماشىنىسىنىڭ پىرقىرىشى بىلەن، پارچە - پارچە ساپال دانچىلىرى ئۇستىلار تەرىپىدىن تام قىلىپ قوپۇرۇلدى، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ماشىنىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى، ۋاداۋنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازى، كۈلكە ئاۋازى كەنت ئاھالىسى مەمەتنىياز توختىنىڭ ھويلىسىدا ياڭرىدى. كىشىلەر مەمەتنىياز ئائىلىسىگە تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى ۋە باقمىچىلىق رايونىنىڭ ئارا تېمىنى قوپۇرۇپ بېرىۋاتقانىدى.

مەمەتنىياز ئائىلىسى جىگدىلىك كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 164 نامرات ئائىلىنىڭ بىرى. كەنتتە ئىككى يىلدىن بۇيان ياسالغان ئاسفالت يول، سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنى كۆرۈپ، مەمەتنىياز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنى ئويلاپ تۇرىدۇ، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، كەنتىمىزدىكى ھەممە ئۆيلەر بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كەتتى».

داشۆنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرىدىن يېتىلىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان پەرھات نۇردۇن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ كەنت ئەسلىدە يېزا بويىچە بىرقەدەر ئارقىدا قالغان كەنت ئىدى، 2017 - يىلى مەن يېڭىلا بۇ يەرگە تەقسىم قىلىنغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئىشەنچىم يوق ئىدى. <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش> بويىچە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرمۇبىر ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەنت قىياپىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ھازىر ئىشلىگەنسېرى ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى».

پەرھات ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەرگە يېڭىدىن كېلىپ خىزمەت قىلغاندا، كەنتتە ئەخلەت، ئوتۇن، ئوت - چۆپلەر خالىغانچە دۆۋىلەپ قويۇلىدىغان، يۇندىلار خالىغانچە تۆكۈلىدىغان بولۇپ، تىپىك «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» كەنت ئىدى. نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ قىشتا تام تۈۋىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان ئادىتى بار بولۇپ، كەنت رادىيو كانىيىدا كەنت ئاھالىلىرىگە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرغاندا، دائىم دېگۈدەك قاتنىشىدىغان ئادەم ئاز ئىدى.

جىگدىلىك كەنتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىشنى يول، تۇرالغۇ ئۆي، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئامالنىڭ بارىچە بۇ جەھەتتىكى «كەمتۈكلۈك» لەرنى تولۇقلىدى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى يۈەن لېي مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ يول يۈزى قاتتىقلاشتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ھەر يىلى ئەتىيازدا قار - مۇزلار ئېرىگەندە ۋە يامغۇر ياغقان كۈنلەردە، يوللار پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. گەرچە تىزغا كېلىدىغان يامغۇرلۇق ئۆتۈك كىيىۋالساقمۇ، لېكىن كىيىمنىڭ ھەممە يېرىگە لاي چاچراپ كېتەتتى. ھازىر يول ياسىلىپ بولدى، پۈتۈن بىر كۈن ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلساقمۇ، كىيىملىرىمىز پاك - پاكىز تۇرىدىغان بولدى، يامغۇرلۇق ئۆتۈك بارا - بارا «تاشلىنىپ قالىدىغان» بولدى.

«ھازىر، كەنتىمىزدە ئون كىلومېتىرچە كېلىدىغان يولغا پۈتۈنلەي ئاسفالت ياتقۇزۇلدى، ئۆيلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆيلەر. مەدەنىيەت كىچىك مەيدانى، ئىگىلىك تىكلەش كىچىك مەيدانى، يەسلى، داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى چىرايلىق سېلىندى، تۇرمۇش مۇھىتىمىز ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، ئۈمىدنى كۆردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى» دېدى كەنت كومىتېتى چوڭ قورۇسىنىڭ يېنىدا ئاشخانا ئاچقان كەنت ئاھالىسى ئابدۇۋەلى ئالىم.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ گوچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى نامرات ئاھالىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە نۇقتىلىق كۈچەپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش، داۋالاش كاپالىتى ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىپ نامراتلىق ئۇۋىسىدىن كۆچۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەردە نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ جەمئىيەت تىرەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

قايتا قان ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولۇش

كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن، جىگدىلىك كەنتىدىكى ئۆي جاھازلىرىنى ياساش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ئويمىچىلىق، كېسىش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئارقىلىق، بىر يۈرۈش مودا سافالار بارلىققا كەلدى. قۇراشتۇرۇش ئىشچىسى ئابلەت مەمەت پۈتكەن سافانى چىڭ بېسىپ تۇرۇپ، رازىمەنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بەك پۇختا، ھازىر دېھقانلار بۇ سافالارنى مېھمانخانا ئۆيىگە قويسا، شەھەردىكى بىنا ئۆيلىرىدەكلا بولىدۇ».

ئابلەت ئەسلىدە تامچى ئىدى، بۇ يىل كەنت كىرگۈزگەن ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتىنىڭ «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سافا ياساشنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى. «ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا ئىشلىسەم، ھەر كۈنى بالامنى مەكتەپكە ئاپىرىپ - ئەكېلىشكە ۋاقتىم چىقىدىكەن. بۇ يەردە مەن يەنە ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، كەلگىنىمگە تۆت ئاي بولدى، ئايلىق ئىش ھەققىم 2400 يۈەن. ھازىر، زاۋۇتىمىزدىكى ئىشچىلار دەسلەپكى 20دىن 58گە كۆپەيدى» دېدى ئۇ.

باغ - ئورمانچىلىق كەسپى جىگدىلىك كەنتىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى، لېكىن كەنتتە باغ - ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن نەپ ئالالمىغانىدى. «مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، مېۋىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى بىلمەي تۇرۇپ، كىرىمنى قانداقمۇ ئاشۇرغىلى بولسۇن؟» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى مەمەت خېلىل.

مەمەت ئۈرۈمچىدە ئاشخانا ئېچىپ باققان، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشى تېزرەك. 2017 - يىلى، ئۇ مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇرتداشلارغا ياردەملىشىپ چاتاپ بەردى، ئەمما ياشىنىپ قالغان بەزى كەنت ئاھالىلىرى بۇنى خالىمىدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ كەنت ئاھالىلىرى چاتاپ بولغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەمەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، كەنتتە باغ - ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئون نەچچە كوپىراتىپ ئەزاسى بىر تەرەپتىن، كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنى مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، كەنتتىكى يېڭى ئۆرۈكلەرنى يىغىپ گۈلە پىششىقلاپ، ياڭاقلارنى يىغىپ ئايرىپ، يەشىكلەرگە قاچىلىدى. كەنت ئاھالىسى سەمەت بارات خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھويلامدىكى ئون نەچچە تۈپ ياڭاق كۆچىتىنى ئۇلىغاندىن كېيىن، مەھسۇلات ھوسۇلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇلازىمىتى، يېتەكچىلىكى بولغانلىقى ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى».

باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يەر ئوبوروتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كۆكتات كوپىراتىپى، قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇلدى... كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، جىگدىلىك كەنتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى. پۈتۈن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 164 نامرات ئائىلە ئارقا - ئارقىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2014 - يىلىدىكى 4340 يۈەندىن كۆپىيىپ 2018 - يىلى 9138 يۈەنگە يەتتى، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 2014 - يىلىدىكى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ 2018 - يىلى 150 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

«مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سۆيىمەن» «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»... 71 ياشلىق كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن توختى ھەر كۈنى ئۆيىدە ئۆزى ياسىۋالغان دوسكىغا بور بىلەن خەت يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنىڭ نەتىجىسى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇخبىرنىڭ ئالدىدا بۇ يۈرەك سۆزىنى بىرخەت - بىر خەتتىن يازدى.

تۇرسۇن ياش ۋاقتىدا باشقا يېزا - بازارلاردا ئوقۇتقۇچى بولغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەسلىدە ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى، لېكىن يۇرتىدىكى بۇ بىرنەچچە يىلدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا 20 نەچچە مو مېۋىلىك باغ بار بولۇپ، ھويلىسىغىمۇ مېۋىلىك دەرەخ ۋە كۆكتات تىكىلگەنىدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى دائىم ئۇنىڭدىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى توغرىسىدا تەلىم ئالاتتى.

«مەن يۇرتداشلارغا ئۆگەتكەن مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، ئۇلاش تېخنىكىسىنىڭ ھەممىسىنى ئىچكىرىدىكى دوستۇمدىن ئۆگەنگەن.» تۇرسۇن شۇنداق دېگەچ، يان تېلېفون ئۈندىدارىنى ئېچىپ، «جاۋ ئېرچاڭ» ئىسىملىك ئۈندىداردىكى دوستىنى كۆرسىتىپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، شەندۇڭ ۋۇليەن ناھىيەسىدىكى دوستۇم، مېۋىلىك دەرەخ تىكىشكە بەك ئۇستا، مەن بۇ يىل غەينۇلانى سىناق قىلىپ تېرىشتا پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ياردىمىگە تاياندىم، چۈشەنمىگەن يەرلىرىم بولسا، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشىمەن».

كەنتتىكى ئۆي جاھازلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى بىرلا يول ئايرىپ تۇرىدۇ، ئۆي جاھازلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لو چاۋجۈننىڭ نەزەرىدە، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى سالام ۋايىت ئۇنىڭ قوشنىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ قېرىندىشى، ياخشى ھەمراھى ئىدى. ئىلگىرى، خۇنەنلىك لو چاۋجۈن ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدا ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى ئاچقاندا، سالام ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى ئىدى. بۇلتۇر كەنت «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇپ كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلماقچى بولغاندا، سالام لو چاۋجۈنگە تەكلىپ بېرىپ: «بىزنىڭ ئۇ يەرنىڭ تېرەك ياغىچى، سۆگەت ياغىچى بايلىقى مول، ئەگەر سىز بىزنىڭ كەنتكە بېرىپ پىششىقلاش سېخى قۇرسىڭىز، مەن ياغاچلارنى بۇنچە يىراققا توشۇپ يۈرمەيتتىم، سىزمۇ كىرا تۆلەپ يۈرمەيتتىڭىز» دېدى. ئاخىر، خىزمەت ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، لو چاۋجۈننىڭ سافا ياسايدىغان «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

جىگدىلىك كەنتىدە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بار، پىدائىيلار ئارىسىدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، يەنە پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە قىزغىن ئامما بار بولۇپ، ئۇلار دائىم ئەمگەك كۈچى كەمچىل نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ پىدائىيلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. كەنت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇرغۇن ياسىن كەنتتىكى قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ، نامرات ئائىلىلەردە قانداق ئىش بولسا، ئۇ خەۋەر قىلسىلا، بارىدىغان پىدائىيلار دائىم مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كېتەتتى .

«كەنتتىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، بىزنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىمىز باشقا كەنتلەرگە يۆتكىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، باشقا كەنتلەرنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، ھەرقايسى كەنتلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىشى كېرەك» دېدى تۇرغۇن.

قوشنا كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە پارنىكتا قارا مورنى ئورتاق ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يوللىرى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىش... ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچى، ئەقىل - پاراسەتنىڭ ئۇچقۇنى جىگدىلىك كەنتىدىكى كادىرلار، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭى رىقابەت، يېڭى مەسىلە، يېڭى ئەھۋاللارغا بىمالال تاقابىل تۇرۇپ، تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قاراپ كۈچەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى رولى كۈنسايىن گەۋدىلىك بولماقتا.

تاشقى كۈچتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكى كۈچنى قوزغىتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش

مۇخبىرىمىز جاڭ جىلى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى چېگرا ناھىيەسى، شۇنداقلا بۇلاق ناھىيەسى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، بىز بۇلاق سۈيىنىڭ بۇ تۇپراقنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوزۇقلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، شۇنداقلا كۆپ تەرەپ كۈچ چىقىرىپ قوزغىغان نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۆردۇق.

ھەممە ئادەم ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ، لېكىن نامرات ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، بەلگىلىك تاشقى كۈچنىڭ ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتىدە چوڭى يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، ئۆي سېلىشتىن ھويلىنى ئۆزگەرتىشكىچە، كىچىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، دوختۇر ۋە دورا يەتكۈزۈپ بېرىشقىچە بولغان بۇ تاشقى كۈچلەر تەدبىرى نامرات ئائىلىلەرگە غايەت زور ئىللىقلىق ۋە كۈچنى ھېس قىلدۇردى.

ئەگەر ئۆزى تىرىشمىسا، قىلىدىغاننى قىلمىسا، تاشقى كۈچ قانچە زور ياردەم بەرسىمۇ، يۆلىسىمۇ يەنىلا رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشى تەسكە توختايدۇ. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى نامراتلارنى يۆلەش كۈچلىرى «قان بېرىش»كە ئەھمىيەت بېرىپ، «قان ئىشلەش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ «ئىككى قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش» ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىدى. كەنت كومىتېتى قورۇسى ياكى «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»، كەنت قۇرغان زاۋۇتقا كىرگەندە، كوچىلاردىكى تەشۋىقات تاختىسى، دېھقانلار رەسىمىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن نامرات رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش جاسارىتى ۋە غەيرىتىنىڭ قوزغىتىلغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

تاشقى كۈچتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكى كۈچنى قوزغىغاندىلا، ئاندىن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن قىلىدىغان، كادىرلار تالىشىپ قىلىدىغان، ئامما ئەگىشىپ قىلىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى»نى ھەقىقىي تۈردە «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەرتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى