تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق سىستېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، مەدەنىيەت - ساياھەت، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى بەردى.

ئەركىن تۇنىياز «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئىشەنچىنى چىڭىتىش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش» «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن لېكسىيە سۆزلىدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زورايتىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇشى، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى