تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2011 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى تەستىقلىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق جاكارلاندى: ئاساسىي قانۇننى يېتەكچى قىلغان، ئاساسىي قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇنى، سودا قانۇنى قاتارلىق كۆپلىگەن قانۇن تارماقلىرىنىڭ قانۇنلىرى ئاساس قىلىنغان، قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق قانۇن قائىدىلىرىدىن تەركىب تاپقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ھەمدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، پارتىيە 15 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2010 - يىلىغا بارغاندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت قانۇن چىقىرىش خىزمىتى نىشانى ئۆز قەرەلىدە ئورۇندالدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قەتئىي بوشاشماي ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 1982 - يىلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن ماقۇللاندى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئوبيېكتىپ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدىن بەشى ماقۇللاندى. 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، دۆلىتىمىز ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە قانۇندىن 236نى، مەمۇرىي نىزامدىن 690دىن كۆپرەكنى، يەرلىك نىزامدىن 8600دىن كۆپرەكنى تۈزۈپ چىقتى ھەم ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملارنى مەركەزلىك ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى. جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قانۇن تارماقلىرى تولۇق بولدى، ھەرقايسى قانۇن تارماقلىرىدا نېگىزلىك، ئاساسلىق قانۇنلار تۈزۈلدى، مۇناسىپ مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملار بىرقەدەر مۇكەممەل بولدى، قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىلمىي، ئىناق، بىرلىككە كەلگەن بولۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر تەلىپىنى، قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى بىرلىكى ھەم كۆپ قاتلاملىق دۆلەت ئەھۋالى تەلىپىنى، جۇڭگونىڭ قانۇنچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىنسانىيەت قانۇنچىلىق مەدەنىيلىكى نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنىڭ مەدەنىيەت تەلىپىنى ھەمدە ھەرىكەتچان، ئېچىۋېتىلگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات تەلىپىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ قانۇنچىلىق ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنىڭ قانۇنچىلىق ئىپادىسى، گۈللەپ ياشنىشىنىڭ قانۇنچىلىق كاپالىتى. ئۇنىڭ شەكىللىنىشى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە - قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر ئابىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى