چاچ چۈشۈش ۋە چاچقا ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشنى ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبى، تۇرمۇش مەشغۇلاتى ۋە كەيپىيات جەھەتتىن باشلاش كېرەك. ئادەتتىكى چاچ چۈشۈشنى روھىي كەيپىيات ئامىلى، شۇنداقلا ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چاچ مايلىشىپ چۈشۈپ كەتسە، قاراتمىلىق داۋالاش كېرەك، يېمەك ـ ئىچمەك جەھەتتە ئاچچىق، غىدىقلايدىغان، مايدا پىشۇرۇلغان، تاتلىق نەرسىلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىپ، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، مايلىق تېرە ياللۇغى يۈز بېرىشنى ئازايتقاندا، مايلىق تېرە ياللۇغى خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ھالبۇكى، ئاق چاچنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا روھىي، كېسەللىك جەھەتتىن تەڭشەشتىن باشقا، يېمەك ـ ئىچمەك جەھەتتە، تەركىبىدە تۆمۈر ۋە مىس بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. تەركىبىدە تۆمۈر كۆپ يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، قارا قېرىنقۇلاق، لامنارىيە، دادۇر، كۈنجۈت قىيامى قاتارلىقلار؛ تەركىبىدە مىس كۆپ بولغان يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، بۆرەك، راك ـ قىسقۇچپاقا تۈرىدىكىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، ئۆرۈك قېقى قاتارلىقلار بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە ۋىتامىن B1، B2،B6 قاتارلىق B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بولغان دانلىق زىرائەت، پۇرچاق، قۇرۇق مېۋە تۈرىدىكىلەر، ھايۋانات جىگىرى، يۈرەك، بۆرەك، سۈت تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ۋىتامىنB1، B2،B6 قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى چاچتىكى قارا پىگمېنت دانچىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇش خام ئەشياسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قارا پىگمېنت شەكىللىنىشىنىڭ ئاساسى تىرىپتوفان بولۇپ، تەركىبىدە تىرىپتوفان مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، توخۇ گۆشى، ئورۇق كالا گۆشى، ئورۇق گۆش، توشقان گۆشى، بېلىق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار.
گۇاڭجوۋ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى