تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۇاڭشى لۇجەي: كەسىپنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

گۇاڭشىنىڭ ليۇجوۋ شەھىرى لۇجەي ناھىيەسى پىڭشەن بازىرى تۈنچيۇۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى مېۋىلەرنى تاللاپ، ساندۇققا قاچىلاپ سېتىشقا تەييارلىق قىلماقتا (11- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇاڭشىنىڭ ليۇجوۋ شەھىرى لۇجەي ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، «خاس كەسىپ» ئۈستىدە تولۇق تىرىشىپ، «نامرات ئائىلىلەر+» كەسىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر لۇجەي ناھىيەسى زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىكى بويىچە  ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە كەنت دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 91نى قۇرۇپ، ھەربىر يېزا-بازاردا بىردىن ئارتۇق زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىك ئۈلگە رايونى (باغچىسى) بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %89كە يەتكۈزگەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ شياۋباڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى