تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بىر كېچە قانغۇچە ئۇخلىسا تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ

  يېقىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسى بېركلېي شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەنگلىيە «تەبىئەت . ئىنسانلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، ئۇلار ماگنىت ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش، كۆپ ئۆتكۈزۈشچان ئۇيقۇنى كۆزىتىش قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، 18 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن ياشنىڭ ئۇخلاش ئەھۋالى ۋە تەشۋىشلىنىش دەرىجىسىنى تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە ئۇيقۇنىڭ تەشۋىشلىنىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ قېنىپ ئۇخلىغاندا شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. «بىز قېنىپ ئۇخلاشنىڭ بىر يېڭى ئىقتىدارىنى بايقىدۇق، ئۇ چوڭ مېڭىنى قايتا ئۇلاش ئارقىلىق، بىر كېچىدىلا تەشۋىشلىنىشنى يېنىكلىتىدۇ.» كالىفورنىيە داشۆسى بېركلېي شۆبە مەكتىپى نېرۋا ئىلمى ۋە پىسخولوگىيە پىروفېسسورى مەزىيۇ ۋولكېر مۇنداق دېدى: «قېنىپ ئۇخلاش گويا بىر خىل تەبىئىي تەشۋىشلىنىشنى تىزگىنلىگۈچى رېئاكتىۋدۇر.»

      تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا تەشۋىشلىنىشنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن. چوڭ مېڭىنى سىكاننېرلاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بىر كېچىدە ئۇيقۇسىز يۈرگەندە، چوڭ مېڭىدىكى تەشۋىشلىنىشنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئىچكى تەرەپ پېشانە ياپرىقى تېرە قەۋىتى تاقىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى كەيپىيات مەركىزى زىيادە جانلىنىپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئۇخلىمىغاندا، خۇددى «چوڭ مېڭە كەيپىياتىدىكى ماي كلاپانى چىڭ دەسسىلىپ، يېتەرلىك تورمۇز كەمچىل بولغانغا ئوخشايدۇ» دېدى مەزىيۇ ۋولكېر چۈشەندۈرۈپ.
    يۇقىرىقى تەتقىقاتلاردىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە باشقا 30 ئادەمنى ئوبيېكت قىلىپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەتىجىنى بايقىغان: ئالدىنقى كۈنى كەچتە قېنىپ ئۇخلىغان كىشىلەرنىڭ ئەتىسى تەشۋىشلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان. يەنە بىر تۈرلۈك 280 ئادەمگە قارىتىلغان تور تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى ئۇيقۇ سۈپىتى ۋە ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى ئىككىنچى كۈنىدىكى تەشۋىشلىنىش دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
    تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە ياخشى ئۇخلىيالمايدىكەن، بۇ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇنى ياخشىلاش ئارقىلىق تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن. 

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى