شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە ئېچىلدى.
يىغىنغا بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي سۈن جىنلۇڭ مەخسۇس تېمىلىق دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سۈن جىنلۇڭ «پىكىر (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئىزاھات بەردى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن پېڭ جيارۇي، كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو قاتناشتى.
يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈم، ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تۈزۈم نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچەپ ئىسلاھات شەكىللەندۈرگەن تۈزۈم نەتىجىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يىغىندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پۇختا كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش چاقىرىق قىلىندى.