تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش  باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرى لى نانا

بۇ يىل 9 - ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆت تۈرلۈك باشلامچى بولۇپ مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسى ۋە بەش تۈرلۈك تۈزەشكە قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 40 تۈزەش مەسىلىسى ۋە 50 ماددىلىق كونكرېت تۈزەش تەدبىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تۈزەپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ قۇرۇق بولۇپ قالماسلىقىغا، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ ھەمدە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش، ئىشلىتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەپ، كونكرېت تەدبىر ياكى خىزمەت لايىھەسىنى تۈرمۇتۈر تۈزۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس تۈزەشتە نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى 1 - تۈركۈم، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تۈزىتىشىگە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، مەسئۇل تارماق، تۈزىتىش تەدبىرى، تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى خىزمەتتە يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ، دەل ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، چۈشەنچە بېرىپ، يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش نازارەتچىلىكى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «ساختا شەكىلدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېسابات شەكلىدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلىدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «تۇراقسىز شەكىلدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاپ، خىيانەت قىلىش، ئىگىلىۋېلىش، ساختا مەلۇم قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىگە قىلچە يول قويماي، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى دەل جايىدا نازارەت قىلىدىكەن.

قەشقەر ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كونكرېت مەسئۇل كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كۈچلۈك بىرلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر يۈي جۈن مۇنداق دېدى: «يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلىدىن جەمئىي 26نى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ رەتلەپ، تۈزىتىش تەدبىرىدىن 32نى تۈزۈپ چىقىپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈردى، ھازىر 24نى تۈزىتىشنى تاماملىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسى، ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ئارقىلىق مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئۈنۈمىنى سىنايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش