تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى بەردى.

لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى يىغىنىدا، لى پېڭشىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپە» «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش» قاتارلىق جەھەتلەردىن لېكسىيە سۆزلىدى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىي تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىش كېرەك، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەڭ دائىرىدە ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئىزاھلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلمىي قائىدە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە مائارىپ خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىن روھىنى «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش»نىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن خۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دوكلات يىغىنى سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق قىسمەن ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەر پارتكوملىرىنىڭ شۇجىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش ئۆمەكلىرىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى