تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 1999 - يىلى 12 - ئايدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ 126 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، 2010 - يىللىق دۇنيا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. 2002 - يىلى 12 - ئايدا، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق جۇڭگو 2010 - يىللىق دۇنيا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلاندى. شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى 41 - نۆۋەتلىك دۇنيا كۆرگەزمىسى، بۇ، دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۇنيا كۆرگەزمىسى، شۇنداقلا بىرىنچى قېتىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈرىدىكى دۇنيا كۆرگەزمىسى.

شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «شەھەر، تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ». قوشۇمچە باش تېمىسى: شەھەر كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، شەھەر ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، شەھەر پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، شەھەر مەھەللىلىرىنى قايتا قۇرۇش، شەھەر بىلەن يېزا - كەنتلەر ھەمتۈرتكە بولۇش. يىغىن بەلگىسىنىڭ نۇسخىسى خەنزۇچە خەت «世» ۋە رەقەم «2010»دىن تەركىب تاپقان، يېشىل رەڭ ئاساسىي رەڭ قىلىنغان. قۇت بەلگىسى خەيباۋ. دۇنيا كۆرگەزمىسى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىلغاندىن تارتىپ 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى يېپىلغانغىچە بولغان 184 كۈن ۋاقىت ئىچىدە، 246 دۆلەت، خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى تەرەپلەر نادىر، كۆركەم كۆرگەزمە، مۇنبەر، ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شەھەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، «چۈشىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، خۇشال - خۇرام جەم بولۇش، ھەمكارلىق»تىن ئىبارەت دۇنيا كۆرگەزمىسى ئىدىيەسىنى جانلىق ئىزاھلىدى. 73 مىليون 80 مىڭ ئادەم قېتىم جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئېكسكۇرسىيەچى دۇنيا كۆرگەزمىسى تارىخىدىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى. شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى بىر نۆۋەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك، قالتىس، ئۇنتۇلغۇسىز دۇنيا كۆرگەزمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەلىبىلىك ھالدا دۇنيا كۆرگەزمىسى تارىخ بېتىگە يېزىلدى.

شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، كۆرگەزمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بارلىق خادىملار دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرىدىغان ۋەتەننى سۆيۈش روھى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى، ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىش كوللېكتىۋىزملىق روھى، ئېھتىياتچان، ئىلمىي ئەمەلىي ئىشلەش روھى، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنى كۈچلۈك مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 100 يىللىق دۇنيا كۆرگەزمىسى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، دۇنياغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىللىق شانلىق مەدەنىيلىكىنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى