تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

[شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش] سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدە ئۆزگىچە مەدەنىيەت، ساياھەت گەۋدىلەندۈرۈلدى

  سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۆمىكى تىيانشان ئېتىكىدە تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، فۇكاڭ شەھىرى، بىڭتۇەن 6- شى ۋۇجياچۈ شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 12- شى 222- تۇەنىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، سەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەشكىللىگەن سەنشى گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوشۇنى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ۋەنچۈەن چوققىسى ئېتىكىگە كېلىپ قەلەمنى قولىغا ئالدى. رەسساملار تۇنجى قارغا قارىماي قەلەم تەۋرىتىپ رەسىم سىزدى، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى گىرەلىشىپ كەتكەن بىر تۈركۈم رەسىملەر بارلىققا كەلدى.

  شىنجاڭ ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى بىر شەھەر ئاھالىسى بالىسىنى ئېلىپ سەنشى ئۆلكىسى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىدا كىتاب ئوقۇماقتا. دو مىڭجۇڭ فوتوسى

  بۇ يىلدىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ۋۇجياچۈ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا «سەنشى-شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەلبى بىرتۇتاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «ئون چوڭ ھەرىكىتى» ۋە «بەش يۈز» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى؛ شىنجاڭنىڭ نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرى سەنشى سەپىرى، سەنشى-شىنجاڭ ھۆسنخەت ۋە رەسىم، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نادىر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىككى رايوندىكى كۆرگەزمە ئالماشتۇرۇش سودىسىغا، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ خۇاڭخې ناملىق چوڭ تىپتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇپ، سەنشىلىك ساياھەتچىلەرنىڭ فۇكاڭ، ۋۇجياچۈ شەھىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ، شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى .

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى