«ئەنگلىيە ھەرىكەت تېببىي ژۇرنىلى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلۈش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشنىڭ يۈگۈرۈش بىلەن ئالاقىدار مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ئەگەر كىشىلەر يۈگۈرۈشنى باشلىغان بولسا، بەك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشىنىڭ ياكى تېز يۈگۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ ساغلام بولۇپ، تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە بولىدىكەن.
بۇ تەتقىقات 14 تۈرلۈك ئالاقىدار تەتقىقاتنى جەملىگەن بولۇپ، جەمئىي 230 مىڭدىن ئارتۇق تەتقىقات ئوبيېكتىغا چېتىلىدۇ، ئۇلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋاقتى 5.5 يىلدىن 35 يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان. بۇ سانلىق مەلۇمات ۋە ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەدىكى ۋىكتورىيە داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەزەلدىن يۈگۈرمەيدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يۈگۈرۈپ تۇرىدىغانلارنىڭ ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %27 تۆۋەن بولغانلىقى، يۈگۈرۈپ تۇرىدىغانلارنىڭ يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %30 تۆۋەن بولغانلىقى، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %23 تۆۋەن بولغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بىر ھەپتىدە بىر قېتىم يۈگۈرسە، ھەر قېتىملىق يۈگۈرۈش ۋاقتى 50 مىنۇتقا يەتمىسە، سۈرئەت سائىتىگە سەككىز كىلومېتىردىن تۆۋەن بولسىمۇ، بۇ، يەنىلا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىشى ۋە ئۆمرىنى ئۇزارتىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدىكەن. ئەمما تېخىمۇ كۆپ مىقداردا يۈگۈرۈش تېخىمۇ زور ساغلاملىق پايدىسىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلغان ھەر ھەپتىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى ئاساسىدا يۈگۈرۈش مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش بىلەن ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ھەپتىدە ئاز دېگەندە جەمئىي 150 مىنۇت ئوتتۇراھال ھەرىكەت ياكى 75 مىنۇت كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى