تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىش

2008 - يىلىدىكى يەر شارىۋى ئىقتىسادىي كىرىزىس:

ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىش

2007 - يىلى باشلانغان ئامېرىكا ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى 2008 - يىلىغا كەلگەندە بىر مەيدان يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە ئايلاندى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىمۇ جۇڭگوغا مىسلىسىز قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى، 2008 - يىلىنىڭ 3 - پەسلىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ ئېكىسپورتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى زورايدى.

كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، 2008 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىكى ئون تۈرلۈك تەدبىرنى دەرھال چىقىرىپ، ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزدى، 2009 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، تېزرەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «بىر يۈرۈش پىلان» تەدرىجىي شەكىللەندى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە كۆپلىگەن مۇھىم خەلقئارا سورۇندا خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىققا داۋاملىق قاتنىشىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغانلىقى توغرىسىدا تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى.

تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشىدا ئاكتىپ ئۆزگىرىش بولدى، پايدىلىق شارائىت ۋە ئاكتىپ ئامىللار كۆپەيدى، ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىملىشىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سىجىل تېز بولدى، ئىستېمال مۇقىم، بىرقەدەر تېز ئاشتى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى تەدرىجىي كۈچەيدى؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى؛ سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلىدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىدا يېڭى ھالەت بارلىققا كەلدى؛ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى تەكشى، مۇقىم بولۇپ، بازار مۆلچەرى داۋاملىق ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچى يەنىمۇ ئاشتى؛ شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار داۋاملىق كۆپەيدى؛ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى