تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەلپىن ناھىيەسى: «ھۇرۇن»نىڭ «بېيىش باشلامچىسى»غا ئايلىنىش خاتىرىسى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەمەت داۋۇت ئىنتايىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بېقىۋاتقان تۆگەم  بوتىلاقلاپ، كىرىمىم خېلىلا ئاشتى؛ توققۇز ئاي باققان تۆگە قۇشلىرىمنىڭ تۇخۇم چىقىرىشىغا ئاز قالدى، تۇخۇم تۇغۇلماي تۇرۇپلا، زاكاز قىلىنىپ بولدى...

    بۇ كەنتتە، سەمەت ئىسمى جىسمىغا لايىق بېيىش باشلامچىسى. ئەمما بىر يىل ئىلگىرى، ئۇ تېخى «ھۇرۇن» ھەم نامرات ئاھالە ئىدى.

   بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن سەمەت 10 يىل ئىلگىرى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى، سالامەتلىكى ناچار بولغانلىقتىن، ئىشلەپ پۇل تېپىشقا ئامالسىز ئىدى، ئۇ يەنە كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئالغاچقا، تېخىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانىدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇ تۇرمۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئازغىنە تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىغا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزدى، ھەر كۈنى ئۇخلاش، ئۇ يەر بۇ يەرنى ئايلىنىپ يۈرۈشتىن باشقا ھىچ ئىش قىلمىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ھۇرۇن» ھەم نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

    2018- يىلى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، سەمەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر كارتىسى بېجىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل تېجەپ بەردى، سەمەت بىردىنلا تۇرمۇشىدا ئۈمىد بارلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى سەمەتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى كەنتنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

   سەمەتنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى يالقۇنلىدى، ئۇ تۆگىقۇشتىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، بىكار ۋاقىتلىرىدا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى، سەمەتنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خىزمەت ئەترىتى بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ باقمىچىلىققا بولغان قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقا جايدىن ئۇنىڭغا ھەقسىز ئىككى تۆگىقۇش ئەكىلىپ بەردى.

    تۆگىقۇش باقسىمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، سەمەت ئۆيىدىكى ئىككى تۆگىقۇشنى گۆھەردەك ئەتىۋارلىدى. ھەربىر تۆگىقۇشنىڭ بىر يىللىق بېقىش تەننەرخى تەخمىنەن 1200 يۈەن بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تېرىسى، يۇڭى، گۆشى، تۇخۇمىنى قوشقاندا، بىر تۆگىقۇشنڭ يىللىق پايدىسى 5500 يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كېلەر يىلى باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

    ئىلگىرىكى «ھۇرۇن» نىڭ بېيىش باشلامچىسىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن دېھقانلار بەس-بەستە سەمەتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭدىن تۆگىقۇش تۇخۇمىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشتى. سەمەتنىڭ قوشنىسى ھاشىخان روزى ئۇنىڭدىن تۇخۇم زاكاز قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن تۆگە قۇش بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «سەمەتنىڭ ئۆيىدە بېقىلغان تۆگىقۇشلار ياخشى، كېلەر يىلى سەمەتكە ئەگىشىپ تۆگىقۇش باقسام، بىر يىلدا خېلى كۆپ پۇل تاپالايمەن.» سەمەت مۇنداق دېدى: «ئەڭ قىيىن كۈندە قالغىنىمدا، خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەم قىلدى. شۇڭا، قۇربىتىم يەتسىلا، مەنمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىمەن. كەنتتىكىلەر بىلەن بىللە باقمىچىلىق قىلىپ، ھەممەيلەن تەڭ بېيىپ، ياخشى كۈن كەچۈرسەك دەيمەن».

  «ھۇرۇن» نىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» ى كەنتتىكىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىمۇ تەسىرلەندۈردى. كەنتنىڭ 1-شۇجىسى شۈ جيۇلۇڭ مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى يەنە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھەربىر ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ماس كېلىدىغان تۈرنى تېپىپ چىقىپ، بىر ئائىلىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ!»

(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ۋاڭ يۆفېڭ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى