تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئانارنىڭ دانىسىدەك قېرىنداشلىقنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن ئۆسمۈر

ئىسىم-فامىلىسى: ئېرزات قالېل، 12 ياش

مەكتىپى: ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا

ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھاپىزەتچىسى: شىن چيۇلى

ئۆسۈپ-يېتىلىش خىتابنامىسى: ئۇ ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كەلدى. ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، مەكتەپتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى»نى ئېچىلدۇردى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ ھويلىسىدا، دائىم دېگۈدەك بىر بالىنىڭ يەنە بىر بالىنى يۆلەپ ماڭغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ كۆرۈنۈش ئۇدا ئۈچ يىل داۋاملاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى باش پېرسۇناژلار 6-يىللىقتىكى ئېرزات قالېل ۋە ئۇنىڭ ساۋاقدىشى يۈ بو ئىدى.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى 2-سائەتلىك دەرستىن كېيىن، ئېرزات قالېل يۈ بونىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتخانىغا چىققۇسى بار-يوقلۇقىنى سورىدى. ئېنىق جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئېرزات يۈ بونى قولتۇقلاپ ئاستا-ئاستا سىنىپتىن چىقتى. ئېرزات يۈ بونىڭ ياخشى دوستى، يۈ بونىڭ پۇت ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش، پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشتە ئېرزاتنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايتتى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، يۈ بونى ھەر كۈنى ئاتا-ئانىسىنىڭ مەكتەپكە ئاپىرىپ-مەكتەپتىن ئەكىتىپ، پەلەمپەيدىن چىقىرىپ-چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى، ھەمىشە شۇنچە ئالدىراش بولۇپ چارچاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېرزاتتا بۇ ئىشلارنى زىممىسىگە ئېلىش ئويى تۇغۇلدى. كەينىدىن، ئۇ يۈ بونىڭ ئاتا-ئانىسىغا مەكتەپتە يۈ بونىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ بالىنىڭ چىرايىدىكى سەمىمىيلىك ۋە قەتئىيلىككە قاراپ، يۈ بونىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى تەسىرلەندى ھەمدە ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى. ئېرزاتنىڭ بۇ ئويى سىنىپ مەسئۇلى شىن چيۇلىنىڭ قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشتى: «بالىدا ئۆزلۈكىدىن باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئويىنىڭ پەيدا بولۇشى مەسئۇلىيەت ۋە مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىپادىسى، بۇ تولىمۇ قەدىرلىك».

شۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپ ھويلىسىدا بۇ ئىككىيلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ مەھكەم تۇتۇشقان قوللىرى خۇددى قىپقىزىل مېۋە بەرگەن «كىچىك ئانار»غا ئوخشايتتى، ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇلارنى «ئانار قېرىنداشلار» دەپ چاقىرىشنى ياقتۇراتتى.

قىش كۈنلىرى پەلەمپەي تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئېرزات تېخىمۇ بەك ئېھتىيات قىلاتتى. بولۇپمۇ ھاجەتخانىغا چىققاندا ئۇ يۈ بوغا ھەمراھ بولاتتى. دەرس ئارىلىقىدا ئېرزات يۈ بونىڭ سىنىپتا يالغۇز زېرىكىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ مەكتەپ مەيدانىنى ئايلىناتتى، بەزىدە يۈ بو بىلەن ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايتتى. يۈ بونىڭ خۇشال ھالىتىنى كۆرسە، ئۇمۇ ئىنتايىن خۇشال بولاتتى.

دەسلەپتە، بەزىلەر ئېرزاتنىڭ يۈ بوغا ياردەم قىلىشىنى ئانچە ئۇزاققا بارمايدۇ، دەپ قارىغان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بۇ ياردەمنى ئۇدا ئۈچ يىل داۋاملاشتۇردى. «مەن ئوغلۇمنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشىدىن پەخىرلىنىمەن.» ئېرزاتنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېرزات كىچىكىدىن تارتىپلا ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، ئەتراپىدىكى دوستلىرىدىن كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ياردەم قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىغا قارىماي، ياردەم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىكەن.

ئېرزاتنىڭ ھەرىكىتى ساۋاقداشلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن بولۇپ، يۈ بوغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. دەرس ئارىلىقىدا كۆپچىلىك يۈ بو بىلەن بىللە ئويۇن ئوينايدىغان بولدى. ساۋاقداشلار ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، ياردەم بېرىش نۆۋەتچىلىك جەدۋىلى تۈزدى، كىچىككىنە ساخاۋەتلىك ئىش ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، تەقدىم ئېتىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بىر خىل سىنىپ مەدەنىيىتى بولۇپ قالدى. يۈ بو بىر كەم سۆز بالىدىن كۆپچىلىكنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ خاراكتېرىمۇ ئوچۇق مېجەزلىك بولۇپ قالدى.

ئىككى بالىنىڭ ساپ دوستلۇقىدىن ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدىمۇ چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلدى. ھەر قېتىم بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بۇ ئىككى ئائىلە چوقۇم جەم بولاتتى.

ئېرزات ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپتە «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالىناتتى، 2018-يىلى يەنە «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر» بولۇپ باھالىنىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۆگىنىش ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

سۈرەت مەنبەسى: ئۇلۇغچات نۆل ئارىلىق

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى