تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1- دەرىجىلىك تاشيول گەنچۈەنباۋ- موسوۋەن تاشيولىدا قاتناش باشلاندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى: ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 167 كىلومېتىر كېلىدىغان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋە 8-شىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان 1- دەرىجىلىك تاشيول __ گەن (چۈەنباۋ) مو (سوۋەن) تاشيولىدا يېقىندا رەسمىي قاتناش باشلاندى.
    گەنچۈەنباۋ- موسوۋەن تاشيولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دۆلەت يولى 216- لىنىيەسى گەنچۈەنباۋ ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان، ئاخىرقى نۇقتىسى 8- شى موسوۋەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى 148-تۇەنى شىيىڭ بازىرىدا بولۇپ، ئەسلىدە قوش لىنىيەلىك ئىككى ئاپتوموبىللىق 2-دەرىجىلىك تاشيول ئىدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تاشيولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا 2016- يىلى 7- ئايدا ئىش باشلانغان، جەمئىي 2 مىليارد 420 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، نۆۋەتتە قوش لىنىيەلىك تۆت ئاپتوموبىللىق 1-دەرىجىلىك تاشيولغا ئۆزگەرتىلگەن، سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىردىن ئاشقان، ھازىر شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بويىچە ئەڭ ئۇزۇن 1-دەرىجىلىك تاشيول ھېسابلىنىدىكەن.
    6-شى قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گەنچۈەنباۋ- موسوۋەن تاشيول تۈرى ئۈرۈمچى، 6-شى  ۋۇجياچۈ شەھىرى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى تۇەن-مەيدانلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن ھەمدە سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارنى تۇتاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي يانتۇلۇق ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ھەرقايسى مەركىزىي رايونلارنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى