تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۆكتوقاي: ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەترىتى بار بولدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كۆكتوقاي ناھىيەسى تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسى كۆكتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە ياۋايى ھايۋانلار خالىسانە نازارەتچىلىرى شىنجاڭ قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا كېلىپ، ياۋايى ھايۋانلارغا قىشلىق يەم-خەشەك بەردى.

    ئىگىلىنىشىچە، قارامايلى تېغىدا تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا ئات، قۇلان، ئارقار، جەرەن، ياۋا ئۆچكە، ئىپار بۇغا، بۇغا قاتارلىلار بار ئىكەن.

    ھەر يىلى قىش پەسلىدە، بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، يىغىندى قارلار قېلىن بولغاچقا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىزدىشى قىيىن بولىدۇ. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلارنى يەم-خەشەك تەييارلاشقا ماسلاشتۇردى ھەمدە قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، كۆكتېرەك كەنتى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە سۇ مەنبەسى قاتارلىق يەتتە نۇقتىغا يەم-خەشەك، سۇ تارقىتىش خىزمىتىنى ئىشلىدى.

    بۇ قېتىم خىزمەت ئەترىتى 500 نەچچە كىلوگىرام يەم-خەشەك تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى «قىشتا ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى» نى يولغا قويۇپ، قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالتە چارۋىچىنى تەكلىپ قىلىپ، چارۋىچىلىق رايونىدا ياۋايى ھايۋانلار خالىسانە نازارەتچىلەر ئەترىتى قۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يارىلانغان، ئوزۇقلىنىشى قىيىن بولغان ياۋايى ھايۋانلارنى ھەر ۋاقىت قۇتقۇزدى.

    خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى شى دۈنيى مۇنداق دېدى: «بۇ ياۋايى ھايۋانلار بىزنىڭ دوستىمىز، بىز كۆپ نۇقتىدا يەم-خەشەك تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز ھەمدە ھەپتىدە بىر قېتىم ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يەم-خەشىكىنى تولۇقلاپ بېرىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىمىز.

(ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ليۇ داتيەن، نۇرلاش سېلەش تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى