ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما چېڭجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چيەنشى خەۋىرى): شىنجاڭدىكى تۇنجى تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش نىزامى — «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش نىزامى» يېقىندا شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، «نىزام» جەمئىي 29 ماددا بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى بىلەن جىمىسار ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى ناھىيەسىنىڭ رايون ئىكولوگىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇھىتقا ئائىت تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكەت خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، رايون بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى؛ «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، كارخانىلارنى ئايلانما ئىقتىساد، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ ئۆزئارا بايلىق مەنبەسى ۋە سانائەت ئەخلەتلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە تەكرار پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئاتموسفېرا، شاۋقۇن-سۈرەن، قاتتىق تاشلاندۇق، قۇرۇلۇش، بۇلغىما چىقىرىش، تەبىئەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنپىن مۇنداق دېدى: شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى بولۇپ، خىمىيە سانائىتى، تاۋلاش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر سىستېمىسى تەدرىجىي كۆلەمگە ئىگە بولدى، چىقىرىلغان كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز سۇ، قاتتىق ئەخلەت، كۈل، چاڭ-توزان قاتارلىق ئاساسلىق بۇلغىمىلار يەرلىكنىڭ ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلىرى، سۇ مۇھىتى، ھاۋا سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. تەرەققىيات رايونىنىڭ مۇھىتىنى ئاسراش بويىچە يەرلىك نىزام تۈزۈشنىڭ بايلىق ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، بايلىق ئېچىش، ئىكولوگىيەنى تۈزەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشقا نىسبەتەن ئەھمىيىتى مۇھىم ۋە زور.