تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي، جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى) خەيرلىك سەھەر كۆپچىلىك! بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالتاي شەھىرى، چۆچەك شەھىرىدە ئازراق قار ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاقسۇ شەھىرىدە چاڭ- توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندىن سىرت، باشقا جايلاردا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃4، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئەتە كەچتىن ئۆگۈن كۈندۈزگىچە ئۈرۈمچىدە ئازراق قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەنلەيدىكەن.
بۈگۈن G216 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن قاراتۈڭكېغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرچىنغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، G3015 لىنىيەسىنىڭ چۆچەكتىن دۆربىلجىنغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق لىنىيە بويىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ، قىسمەن رايونلاردا شىۋىرغان چىقىدۇ.